باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدىكىلەر مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى

2017.10.23 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ بىر قىسىم پارتىيەلىك كادىرلىرى، سەنئەتكارلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا، كۆپچىلىك بەس-بەس بىلەن مۇنداق ئىپادە بىلدۈرۈشتى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتى كىشىنى روھلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش سىگنالىنى ياڭرىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. بىز ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى تارىخىي بۇرچنى دادىللىق بىلەن زېممىمىزگە ئېلىپ، ئۆزىمىزدە يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىمىز.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر سەمەت مۇنداق دېدى: «بىز ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۆتكەن بەش يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى چوڭقۇر تونۇشىمىز، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىكى ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. بۇندىن كېيىن، بىز ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەردە 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى، ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىش ۋە ئوبزورچىلىق قاتارلىق پۈتكۈل جەريانلارغا سىڭدۈرۈشنى ئىزچىللاشتۇرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر