باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

19- قۇرۇلتاي پەيتلىرىدە

ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى بەش يىلدا ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان 36 مىليارد 235 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈردى

2017.10.22 17:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيانىڭ 10- ئاينىڭ 20- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان 36 مىليارد 235 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، كىشىلىك تۇرمۇش ئارزۇسىغا يېتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن.

  ئىگىلىشىمچە، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى ھەرقايسى مائارىپ باسقۇچى ۋە ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان. نۆۋەتتە ھۆكۈمەت ئاساسلىق يېتەكچىلىك قىلىدىغان، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تولۇقلايدىغان «ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش» ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ۋەزىيىتى يارىتىلىپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش خاراكتېرىدىكى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، مۇكاپات خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ۋە تولۇقلىما خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن «كۆپ مەنبەلىك ئارىلاشما» ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز ئورنىتىلغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن.

  تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن ئىقتىسادىي ياردىمىنىڭ سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن %10تىن ئاشقان، يىللىق ئىقتىسادىي ياردەم سوممىسى 2012- يىلىدىكى 5 مىليارد 523 مىليون يۈەندىن 2016- يىلىدىكى 8 مىليارد 582 مىليون يۈەنگە كۆپەيگەن. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنىڭ تېز ئېشىشى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر