باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلدى

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز

2017.10.22 17:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 10- ئاينىڭ 19- ۋە 20- كۈنى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، يولداش شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلدى، 10- ئاينىڭ 20- كۈنى يەنە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)نى مۇزاكىرە قىلدى.

  يولداش ئەركىن ئىمىرباقى مۇزاكىرىگە قاتناشتى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

  ۋەكىللەر باش شۇجى شى جىنپىڭ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، زور ھۆكۈم، زور تەدبىرلەرنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى، ئومۇمىي يۆنىلىشى، ئومۇمىي يېتەكچىسى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىغا يېڭى تارىخىي بەلگە تىكلەپ بېرىپ، ماركسىزمغا يېڭى ھەقىقەت كۈچى قوشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى كۈچكە ئىگە قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولىدىكەن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ غەلىبە قازىنىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.

  ۋەكىل لى پېڭشىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلات ئۇلۇغ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەقىقەت نۇرىنى چاقنىتىپ، دۇنيا ۋە كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئاتاكا سىگنالىنى ياڭرىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى نامايان قىلغان ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، ئۇ پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت قىبلىنەماسى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى باشتىن- ئاخىر ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ كادىرلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرىمىز.

  ۋەكىل شۈ خەيرۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلات پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى، ئۇنىڭدا باشتىن- ئاخىر ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ، دوكلات بىزگە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ھەرىكەت قىبلىنەماسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. بىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل ما شۆجۈن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلات بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بېكىتكەن، گۈللىنىشكە يېتەكلەيدىغان، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان كاتتا دوكلات بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈشىدىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى. بىز پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى پۇختا تىكلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

  ۋەكىل لو دۇڭچۈەن مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى. بىز يېڭى دەۋرنىڭ پارتىيەنىڭ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ياخشى كادىرلار ئىستىلى ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل سارقىت ئاقان مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلات پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى سىياسىي خىتابنامىسى، ماركسىزم نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى دوكلاتنىڭ جېنى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش مۇساپىسىدە تىرىشىپ ئالدىدا ماڭىدۇ.

  ۋەكىل پېڭ جيارۈي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتتا باشتىن- ئاخىر ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ، دوكلاتتا دەۋر تەلىپى نامايان قىلىنىپ، خەلقنىڭ قەلب ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. ئۇ بىزنىڭ يېڭى دەۋرگە يۈرۈش قىلىپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈشىمىزدىكى سىياسىي خىتابنامىمىز ۋە ھەرىكەت پىروگراممىمىز. بىڭتۈەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچ، چوڭ پېچ، ئۈلگىلىك رايون بولۇشتەك ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  زېڭ سۈن، شۆ بىن، دۇ ۋەنگۈي، ليۇ خۇيجۈن، لى نىڭپىڭ، نيۇ شۆشىڭ، ۋۇ بىن، ما شۈدۇڭ، ۋاڭ پىڭ، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەملەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، 19- قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار پىلان ۋە تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  جاڭ يەن، جاۋ ۋېنچۈەن، لۇ شۇجياڭ، جاڭ ۋېنشېڭ، لى گاڭ، ليۇ جىخۇەي، خەي جۈ، فۇ چۈنلى قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 19- قۇرۇلتاي دوكلاتى پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە، ئەمەلىيەتتە، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. 19- قۇرۇلتايدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى پارتىيەمىز ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىنغان بولۇپ، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر