باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسلىرى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

2017.10.22 17:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قېتىملىق قۇرۇلتىيى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئورۇنلار، تارماقلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە كۆردى، يولداش شى جىنپىڭنىڭ بەرگەن دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى تەسىراتى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى چۆرىدەپ كەڭ- كۇشادە سۆزلەشتى، دوكلات روھىنى ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى.

  مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى ئومۇمىيەت تولۇق ئىگىلەنگەن، ئىبارىلىرى جانلىق، ئىنچىكە، دەل جايىدا سۈرەتلەنگەن، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان دوكلات بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئىجابىي تەسىر قوزغىغان دوكلات؛ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا، 1 مىليارد 300 مىليون خەلققە، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىشەنچىگە ئىلھام بېرىدىغان دوكلات؛ ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرىنى چاقنىتىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولدى.

  مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر سىستېمىلىق يەكۈنلەنگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يۈكسەك ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئاجايىپ ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى جاكارلانغان بولۇپ، كىشىنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرىدۇ ۋە ئىپتىخارلاندۇرىدۇ.

  مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى دوكلاتنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى ۋە ئەڭ مۇھىم تارىخىي تۆھپىسى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش، يېڭى مۇساپىنى باشلاش، يېڭى سەھىپىنى داۋاملىق پۈتۈشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى، مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىدىكى سەككىزنى «ئايدىڭلاشتۇرۇش» ۋە 14 ئاساسىي تەدبىرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قەتئىي قوراللاندۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە ئەزاسى، كادىر، ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە خىزمەتچىسى، خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە ياخشى روھىي ھالەت بىلەن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، جاسارەتلىك- ياراملىق بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر