باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى يارىتايلى

− پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلغانلىقى توغرىسىدا (2)

2017.10.22 17:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تارىخىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى

  ئىسلاھات ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكى، ئۇ بىر قاتار چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. ھەر بىر ۋەكىل شۇنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىكى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ماس قەدەمدە مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماقلىق بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئومۇميۈزلۈك كۈچەش، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى، ئاساسلىق ساھەلەردە «تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك» خاراكتېرىگە ئىگە ئىسلاھات ئاساسىي رامكىسى ئاساسەن تۇرغۇزۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسى كۈچەيتىلدى.

  ۋەكىل لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقىنى ساقلىدى.

  ۋەكىل ما شۈدۇڭ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھەنىڭ كۆپلۈكى، مەنپەئەتكە تاقىلىش دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقى مىسلىسىز بولدى، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىساقمۇ ھەل بولمىغان كۆپلىگەن قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، ئىلگىرى قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ قىلالمىغان كۆپلىگەن چوڭ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش سۈپىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ناھىيەلەرنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، مۇھىتنى بۇلغايدىغان كارخانىلارنى تاقاپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدۇق.

  بۇ بىر نەچچە يىلدا، دەرىجە ئايرىپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئىسلاھاتى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ داۋالىنىشى تېخىمۇ قولايلاشتى. ۋەكىل روشەنگۈل ئابدۇكېرىم بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسى كۆرۈلۈپ، ئاغرىقلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى، ئۇلار ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆردى.

  خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى خىزمەتتىكى كۈچەش نۇقتىسى

  ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بىلەن ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ۋەكىل جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا زامانغا لايىق كەلمەيدىغان بارلىق ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھازىر قاراماي شەھىرى تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ بىزدىن مۇھىم ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرى باش نىشاننى چۆرىدەپ، شەھەر تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىنى مەۋقە قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىپ، «دۇنيا نېفىت شەھىرى»، «خەلقئارالاشقان رايون مەركىزىي شەھىرى»قۇرۇشتەك تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، شەھەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

  ۋەكىل پىلىجە مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، ھازىر قېپقالغان «قىيىن ئىش»لارنى قانداق ھەل قىلىش مۇھىم بولۇپ قالدى. خەلق ئاممىسىنىڭ «ئېرىشىش تۇيغۇسى» كۈچەش نۇقتىسى، تۇتقا ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ رازى بولىدىغان كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى، تېخىمۇ ئازادە تۇرالغۇ شارائىتى، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز دەل بۇ ئارزۇلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايون يولغا قويغان «توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» خەلقنىڭ ئۈمىدىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا.

  ۋەكىل فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: بىز يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى توغرىلاپ، پەللىنى توغرا تېپىپ، نىشان مەركىزىنى قارىغا ئېلىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  «مىخ قېقىش روھى» بىلەن ئىسلاھاتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

  ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى، توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. جۇڭگو ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ يۆنىلىش ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات قەدىمى قەتئىي ئىلگىرىلەيدۇ، ئاستىلاپ قالمايدۇ. ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، داۋاملىق غەيرەت قىلىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەسەۋۋۇر- تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  دوكلاتتا يېڭى تارىخىي پەللىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كونكرېت ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرىدىغانلىقىدەك ئېنىق پوزىتسىيەسى تولۇق نامايان قىلىندى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى قەتئىي ئېغىشماي ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى. بىز «مىخ قېقىش روھى» بىلەن ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ھەقىقىي يىلتىز تارتقۇزۇشىمىز كېرەك. ۋەكىل دۇ ۋەنگۈي مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىستېما قۇرۇلۇشى، ئىشلارنىڭ باش- ئايىغى كۆپ، ۋەزىپە ئېغىر، ئالدى بىلەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئاندىن بىرمۇ بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  دوكلاتتا شەھەر- يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ۋەكىل دۇ ۋەنگۈي مۇنداق دېدى: ئاقسۇ ۋىلايىتى گۇرۇھلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ تەسىر قىلىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ھەمبەھرىلىنىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. بۇ «ياخشى مەكتەپلەرگە كىرىش قىيىن» بولۇشتەك گەۋدىلىك مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپلا قالماي، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  داۋالاش خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ساغلاملىق ئاساسى. دوكلاتتا تېببىي دورا- سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمى، داۋالىنىش كاپالەت تۈزۈمى ۋە سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ۋەكىل روشەنگۈل ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن ناھايىتى ھاياجانلاندىم. بىز داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر