باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى(3)

2015.12.14 16:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (19) پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. سودا، سىياسەت، ئېچىش ۋە ھەمكارلىشىش خاراكتېرىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يۆلەش – ئېچىشنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك. كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قورالىدىن پايدىلىنىپ، يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى قوللاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئۇزاق مەزگىللىك، تۆۋەن تەننەرخلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن تەكرار قەرز پۇل بەرگەندە، ئۆسۈمىنى يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەكرار بېرىلگەن قەرز پۇلنىڭ ئۈسۈمىدىنمۇ تۆۋەن قىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئالاھىدە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك. سىياسەت بويىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مالىيەنىڭ ياردەم ئۆسۈملۈك مەبلىغى ۋە قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئېشىنچا مەبلىغى بىلەن، سىياسەت ۋە ئېچىش خاراكتېرىدىكى پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ مەبلەغقە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ مەنبەسىنى كېڭەيتىشى كېرەك. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى ۋە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە زايومى تارقىتىپ، ئاز پايدا ئېلىش ياكى دەسمايىنى ساقلاپ قېلىش پىرىنسىپى بويىچە ئۇزاق مەزگىللىك قەرز بېرىشى كېرەك. مەركەز مالىيەسى تولۇقلاپ بەرگەن قەرز ئۆسۈمىنىڭ %90ىنى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشكە ئىشلىتىش كېرەك. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ‹‹نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمى›› قۇرۇپ، قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى، يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت تورىنى كېڭەيتىشى، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى يېڭىلىشى، نامرات رايوندىكىلەرگە بېرىلىدىغان ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنى كۆپەيتىشى كېرەك. قەرز قايتۇرۇش مەنبەسى مۇقىم بولغان يۆلەش تۈرلىرىگە ۋاسىتىلىك قەرز پۇل بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قەرز سېلىنمىسىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش تەلىپى بويىچە، ئۆلكە دەرىجىلىك يۆلەش – ئېچىش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش سۇبيېكتىنى قۇرۇشى ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى، يېزا – بازار بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ نامراتلارغا رەنىسىز، كېپىلسىز ئاز سوممىلىق قەرز پۇل بېرىشىنى قوللاش، مالىيەدىن ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆسۈمىنى تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى، ئوقۇش ياردىمى قەرزى، ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق قەرز، نامراتلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە قەرز بېرىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. نامرات رايونلاردا يېزا – بازار بانكىسى، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل بېرىش شىركىتى قاتارلىق ئاپپاراتلارنى قۇرۇشنى ئالدىن قوللاش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ دېھقانلار مەبلەغدە ئۆزئارا ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنى قۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئامانەت – قەرز پۇل كوپىراتىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىنى قوللاش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇل خەۋپى تولۇقلىما فوندى قۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقارغان، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاپپاراتى قۇرۇپ، نامراتلارغا كېپىللىك قىلىش كەسپىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلىغا قارىتىلغان كاپالەت سۇغۇرتىسىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كاپالەت سۇغۇرتىسى ھەققىگە تولۇقلىما بېرىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ مۇكاپاتلاش ئورنىغا تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق نامرات رايونلارنىڭ ئالاھىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىسىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھا سۇغۇرتىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. شارائىتى يار بەرگەن جايلار مەلۇم سوممىدا كاپالەت سۇغۇرتىسى تولۇقلىمىسى بەرسە بولىدۇ. نامرات رايونلارنىڭ رەنىگە قويۇپ كېپىللىك قىلىش دائىرىسىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش كېرەك.

  (20) يۆلەش – ئېچىشتا يەر ئىشلىتىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ مەملىكەتلىك 2 – قېتىملىق يەر تەكشۈرۈش ۋە ئەڭ يېڭى يىللىق ئۆزگەرتىشنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، يەرلەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى تەرتىپكە سېلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوللاش كېرەك. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇلۇش يېرى پىلان كۆرسەتكۈچىدە يۆلەش – ئېچىشقا ئىشلىتىدىغان يەر تەلىپىگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ يىللىق يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇلۇش يېرى پىلان كۆرسەتكۈچىنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلار يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلۇشى ۋە تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاساسىي ئېتىز قۇرۇلۇشى پىلانى ۋە ياردەم مەبلىغىنى تەقسىملەپ تۆۋەنگە چۈشۈرگەندە، نامرات رايونلارغا مايىللىشىشى كېرەك. تۇتاشما نامرات رايونلار ۋە دۆلەتنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەردە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، شەھەر – يېزىلاردىكى قۇرۇلۇش يېرىنى كۆپەيتىش ۋە ئازايتىش چاتما كۆرسەتكۈچىنى ئۆلكە دائىرىسىدە يول قويۇشقا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. شارائىتى يار بەرگەن نامرات رايونلاردا زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇپ، تارىختا قېپقالغان زاۋۇت – كانلارنىڭ تاشلاندۇق يەرلىرىدىن قايتا پايدىلىنىش، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولغان يەرلەرنى قايتا ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە دۆڭ، قىيالىق، قاقاسلىق قاتارلىق ئىشلىتىلمىگەن يەرلەرنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قوللاش كېرەك.

  (21) پەن – تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پەن – تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئالاھىدە كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى ھالقىلىق تېخنىكا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس تۈرى (فوندى) نىڭ پەن – تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ نامرات رايونلارنىڭ بايلىقىنى ئىقتىسادىي بايلىققا ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش كېرەك. پەن – تېخنىكا خاس خادىمى ئەۋەتىش تۈزۈمىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش شەكلىدە نامراتلارنى يۆلەش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى كەسپىي دېھقانلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسەت ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدا يىلتىز تارتىپ تۆھپە يارىتىشىغا ئىلھاملاندۇرۇش؛ ئىپادىسى ياخشىلارنى ئۇنۋان باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن ئويلىشىش كېرەك. چەت، يىراق نامرات رايون، چېگرا رايون، ئاز سانلىق مىللەت رايونى ۋە كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قوللاش پىلانى ھەم نامرات رايونلاردىكى يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. نامرات كەنتلەردىكى ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشقا باشلايدىغانلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئالتىنچى، جەمئىيەتتىكى بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىرلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  (22) شەرقىي قىسىم ۋە غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتە ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شەرقىي قىسىم ۋە غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى ھەمكارلىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، دەل تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئاساسلىقى نامرات كەنت ۋە نامرات ئائىلىلەرگە ئىشلىتىش كېرەك. شەرقىي قىسىمدىكى رايونلار مالىيە كۈچىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن يۆلەشكە نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى مالىيە سېلىنمىسىنى تەدرىجىي كۆپەيتىشى ھەم يىللىق خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. كارخانا ھەمكارلىقىنى ۋاسىتە قىلغان نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمنىڭ يەرلىك سۇبيېكتلىق ئىقتىدارىنى بېكىتىپ، سانائەت رايونىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشقا، شەرقىي قىسىمدىكى ئىختىساسلىقلارنى، مەبلەغنى، تېخنىكىنى نامرات رايونلارغا يۈرۈشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادتا كۈچلۈك ناھىيە (شەھەر) ۋە دۆلەتنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم تاشلاش ھەرىكىتىنى باشلاش؛ شەرقىي قىسىمدىكى ئۆلكە(بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئۆز رايونىنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشتە ھەمكارلاشقان ئۆلكىلەردىكى دۆلەت يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەر بىلەن قوشماق بولۇپ نامراتلارنى يۆلىشى كېرەك. شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتە ھەمكارلىشىشىنى باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

  (23) نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئورۇنلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كونا ئىنقىلابىي رايون ۋە ناھىيەلەردە نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ‹‹100 ناھىيە، 10مىڭ كەنت›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەشتە باشلامچى بولۇپ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باشلامچى بولغان ئورۇنلار خىزمەت تەقسىماتى بويىچە تارماقلارنىڭ نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  (24) ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قاتناشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شەخسلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىشقا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ، جەمئىيەتتىكى نامراتلارنى يۆلەش بايلىقى بىلەن تۈجۈپىلەپ يۆلەشنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. جەمئىيەتتىكىلەرنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى نامراتلارنى يۆلەشكە، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەنت ۋە ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىشقا يېتەكلەپ، نامرات ئائىلىلەرنى پارتىيەلىك كادىرلار ياكى ساخاۋەتچىلەر بىلەن قوشماقلاشتۇرۇپ نامراتلارغا ياردەم بېرىش كېرەك. يېزىلاردىكى نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى بەلگىلىمە بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىش، كەسپىي تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللاش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ پاراۋانلىق يۆلەش ئىئانىسىدىن تاپاۋەت بېجىنى باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سىستېمىسى پۇقراۋى كارخانىلارنى ‹‹10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش›› نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك. ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە بېرىپ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شارائىتى ھازىرلانغان كارخانىلارنى نامراتلارنى يۆلەش جامائەت پاراۋانلىق فوندى تەسىس قىلىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالىسىنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ‹‹17 – ئۆكتەبىر›› مەملىكەتلىك نامراتلارنى يۆلەش كۈنىنىڭ ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش پىدائىيلار ھەرىكىتى پىلانى ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت بويىچە كەسپىي ئىختىساسلىقلار نامرات رايونلارغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشتە جامائەت پاراۋانلىقى ماركىسى يارىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئىئانە ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا تولۇق ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئىناۋىتىنى ۋە پەخرىي تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. جەمئىيەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇر مۇلازىمەت تورىنى قۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش جامائەت پاراۋانلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  يەتتىنچى، زور كۈچ بىلەن ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ھازىرلاش كېرەك

  (25) جۇڭگوچە يۆلەش – ئېچىش نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى يۆلەش – ئېچىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ خەلقنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى تارىخى تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئەمەلىيىتىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يىغىنچاقلاپ، جۇڭگوچە يۆلەش – ئېچىش نەزەرىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى داۋاملىق بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك.

  (26) نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىستىلى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەش، نامراتلارغا يار – يۆلەك بولۇشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، نامرات، قالاق قىياپەتنى ئۆزگەرتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە يۆلەش – ئېچىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيلىك ئىدىيەسى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، قالاق ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، يېزا قائىدىسى، پۇقرالار ئەھدىنامىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى پائال رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك. مەدەنىيەت سېلىنمىسىنى نامرات رايونلارغا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى مەركەزلىك يولغا قويۇپ، كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش كېرەك. نامرات رايونلاردا مەدەنىي يېزا – بازار ۋە مەدەنىي ئائىلىلەرنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى دۆلەت ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ ئىنقىلابىي، مىللىي، خەلق مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قېزىشى، قوغدىشى ۋە ئېچىپ پايدىلىنىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ نامرات رايونلارنى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە مەدەت بېرىش كېرەك.

  (27) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەشۋىقات خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۆلەش – ئېچىش توغرىسىدىكى قارارلىرى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، سىياسەت، تەدبىرلىرىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش ئەمەلىيىتىنى ۋە ئىلغار تىپلارنى جانلىق خەۋەر قىلىش كېرەك. دۆلەت نامراتلارنى يۆلىگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يۆلەش – ئېچىشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تەشكىل ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش كېرەك. تاشقى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى سۆزلەپ، نامراتلارنى ئازايتقانلىق توغرىسىدىكى جۇڭگو ئاۋازىنى تارقىتىپ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىدىيەسىنى ياخشى شەرھلەش كېرەك.

  (28) خەلقئارا نامراتلارنى ئازايتىش ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. تاشقى ياردەم، تۈر ھەمكارلىقى، تېخنىكا كېڭەيتىش، ئاقىللار ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ئورگانلار بىلەن نامراتلارنى ئازايتىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقئارادىكى نامراتلارنى ئازايتىش توغرىسىدىكى ئىلغار ئىدىيە ۋە تەجرىبىلەردىن پائال ئۆرنەك ئېلىش كېرەك. نامراتلارنى ئازايتىشتىكى خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ب د ت نىڭ 2030 – يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيادىكى نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  سەككىزىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

  (29) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەز بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر (ۋىلايەت) ۋە ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش خىزمەت مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايوننى مۇھىم نۇقتا قىلىش، كەنت، ئائىلىلەرگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن گوۋۇيۈەن ئاساسلىقى يۆلەش – ئېچىش توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېنلارنى بىر تۇتاش تۈزۈشكە، مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، نىشاننى بېكىتىش، تۈرلەرنى چۈشۈرۈش، مەبلەغ سېلىش، تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش، نازارەت قىلىش ۋە باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. شەھەر (ۋىلايەت) لىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى ۋە رايونلارنى ماسلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، زېھنىنى نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئۆز قەرەلىدە چۆرۈپ تاشلىشىغا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، شۇجى بىلەن ھاكىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەبلەغ ئىشلىتىش، خادىملارنى سەپلەش، يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. قاتلاممۇقاتلام نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيەتنامىسىنى ئىمزالاش كېرەك، يۆلەش – ئېچىش ۋەزىپىسى ئېغىر ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى مەركەز بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، يىلدا نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى مەركەزگە دوكلات قىلىشى كېرەك. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر)، يېزا – بازارلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى تارماقلار يۆلەش – ئېچىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارماقلارنىڭ مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يىرىك پىلانى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ساھە بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئىچىدە مۇنەۋۋەر كادىرلارنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى ئېغىر ناھىيەلەردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى ياخشى تاللاپ ۋە سەپلەپ، يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىنى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە نامرات ناھىيەلەردىكى ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى مۇقىم ساقلاپ، ئىپادىسى ياخشى، شەرتكە ئۇيغۇن بولغانلارنى شۇ جايدا ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار، بولۇپمۇ زاپاس كادىرلارنى نامرات رايونلارغا تاللاپ ئەۋەتىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك زاپاس كادىرلارنى نامرات ناھىيەلەرگە ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىشنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىمۇ نازارەت دەرىجىلىك زاپاس كادىرلارنى تاللاپ نامرات رايونلارغا ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىگە ئاڭلىق ئەمەل قىلىپ، ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ باش – ئاخىرىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك.

  (30) ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. نامرات يېزا – بازار رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، خىزمەت ئىقتىدارى كۈچلۈك، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە پىششىق كادىرلارنى نامرات يېزا – بازارلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىگە تاللاپ سەپلەش كېرەك. كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنى رەھبەرلىك يادروسى قىلغان كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلارنىڭ يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرتىپكە سېلىپ، نامرات كەنتتىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەرنى ياخشى تاللاپ سەپلەپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىش ھەققى، كەنتنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى خىراجىتى ۋە باشقا زۆرۈر چىقىملارغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىدىيەسى ياخشى، ئىستىلى دۇرۇس، ئىقتىدارى كۈچلۈك مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تاللاپ، نامرات رايونلاردىكى كەنتلەرگە چۈشۈپ خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتىشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى نامرات كەنتلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىشقا تاللاپ ئەۋەتىش كېرەك. نامرات كەنتلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىرىنچى قول شۇجىنى ياخشى سەپلەش، كەنتكە چۈشىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرىنى ياخشى تاللاپ ئەۋەتىش، ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلاردىن ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنى باھالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرمىغىچە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلمەسلىك كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە نەتىجە ياراتقان، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنى نۇقتىلىق تەربىيەلەپ ئىشلىتىش كېرەك. نامرات كەنتلەردىكى كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆتنى كېڭىشىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش››، كەنت ئىشلىرى كېڭىشى قاتارلىق تۈزۈملەرنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئاپتونومىيە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي ئېھتىياجى بار رايونلاردا كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى ياكى تەبىئىي كەنتلەردە كەنت ئاھالىلىرى ئاپتونومىيەسىنى يۈرگۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كېڭىشىش ئارقىلىق ئاممىنى يۆلەش – ئېچىشقا ئاڭلىق ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشقا تەشكىللەش كېرەك.

  (31) نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى باھالاش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يىللىق يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى دەرىجىمۇدەرىجە نازارەت قىلىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، نۇقتىلىق تارماق ۋە رايونلارنى تاللاپ بىرلىكتە تەكشۈرۈش كېرەك. گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بوشاڭلىق قىلغان تارماق ۋە رايونلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە دوكلات قىلىشى ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشى، يىللىق نامراتلارنى ئازايتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغان ئۆلكىلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىشى كېرەك. ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامرات ناھىيەلەرنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنىڭ نەتىجە – ئۈنۈمنى باھالاش چارىسىنى تېز تۈزۈپ چىقىشى، نامراتلارنى ئازايتىش كۆرسەتكۈچىنىڭ نامرات ناھىيەلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئەمەلىي نەتىجىسىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشى، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ئېچىشقا چەك قويۇلغان رايونلار ۋە ئېكولوگىيەسى ئاجىز، نامرات ناھىيەلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلىپىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نامرات ناھىيەلەرنى چەكلەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇزۇپ – چېچىش،ئىسراپچىلىقنى قاتتىق چەكلەپ، تىرىشچان – ئىقتىسادچىل بولۇشنى تەكىتلەپ، ‹‹ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى››نى قاتتىق تىزگىنلەپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەشەمەتچىلىك قىلىشى، كۆز – كۆز قىلىشىنى قەتئىي چەكلەپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئوبراز قۇرۇلۇشى قىلىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. نامراتلىققا ئالاقىدار ئېغىر ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، قايتما ئىنكاس مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تىپىك ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا مەسىلىلەرنى بايقاپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزىلاردىكى نامراتلارنى ئىستاتىستىكا قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېرەك.

  (32) يۆلەش – ئېچىش قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە خىزمەت ئاپپاراتلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. يۆلەش – ئېچىش ۋەزىپىسى ئېغىر ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك، شەھەر (ۋىلايەت)لىك، ناھىيە(شەھەر)لىك يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۈستىگە ئېلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈپ باھالاش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۆلەش – ئېچىش قوشۇنى ۋە يۆلەش – ئېچىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك يۆلەش – ئېچىش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىپ ۋە فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى ئېغىر يېزا – بازارلاردا يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىگە مەخسۇس كادىر مەسئۇل بولۇشى كېرەك. نامرات رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە نامراتلارنى يۆلەشكە مەسئۇل كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلارنى يۆلەشكە مەسئۇل كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  (33) يۆلەش – ئېچىشتا قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، يىرىك پىلان تۈزۈش، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغدىن پايدىلىنىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش، ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ جامائەت قانۇن مۇلازىمىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۆلەش – ئېچىش توغرىسىدىكى قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۆلەش – ئېچىش توغرىسىدىكى نىزاملارنى تۈزۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، زېھنىمىز ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىمىزنى مۇجەسسەملەپ، دەل جايىدا كۈچەپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە جەزمەن غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – دېكابىر تېلېگراممىسى)

  
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر