باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى(2)

2015.12.14 16:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلىقى توغرىسىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان، كارتا تولدۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش ۋە باشقا خىراجەتلىرىنى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش ۋە باشقا خىراجەتلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلارنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. كەسپىي ئالاھىدىلىكى بار ھەم بازار ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى مەبلىغى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى ئالاھىدە مائارىپ ۋە يىراقتىن ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېزا ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. نامرات ئائىلىلەردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش كېرەك. مائارىپ ئارقىلىق يۆلەش، قوشماق بولۇپ يۆلەش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك.

  (10) داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش ياردىمى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك. داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ئارقىلىق يۆلەش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن خېمىغا يېنىپ كېتىشنىڭ تىرىشىپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نامرات ئاھالىلەرنىڭ يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا قاتناشقاندىكى شەخسلەر تۆلەيدىغان ھەقنى مالىيەدىن تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدە نامرات ئاھالىلەرگە سىياسىي جەھەتتىن مايىل بولۇپ، ئاۋۋال بارلىق نامرات رايونلاردا ئامبۇلاتورىيە قۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئېغىر كېسەلنى داۋالىتىش خىراجىتىدىكى ئەمەلىي چىقىمىنى ئازايتىپ، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك چىقىمنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتنى تۆلەشكە قۇربىتى يەتمىگەنلەرگە داۋالىنىش ياردىمى بېرىش، ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش، خەير – ساخاۋەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېغىر ۋە ئالاھىدە كېسەللەر ياردىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر كېسىلىنى داۋالىتىشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. يېزىلاردىكى نامراتلار ۋە مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى ۋە داۋالاش، قۇتقۇزۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن مېيىپلەرنى داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. نامرات ئاھالىلەرگە ساغلاملىق كارتىسى بېجىرىپ بېرىش كېرەك. نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئېغىر كېسەللىرىنى تۈرگە ئايرىپ داۋالاش ۋە ئاۋۋال داۋالاپ ئاندىن ھەق تۆلەيدىغان راسچوت مېخانىزمىنى يولغا قويۇش كېرەك. مەملىكەتتىكى 3 – دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار(ھەربىي قىسىم ۋە قوراللىق قىسىم دوختۇرخانىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۇتاشما نامرات رايونلاردىكى ناھىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار بىلەن مۇقىم ھەم ئىزچىل قوشماق بولۇپ يۆلەش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى كېرەك.

  نامرات رايونلاردا ناھىيە، يېزا ۋە كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت تورىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، يىراقتىن داۋالاش، دىياگنوز قويۇش ۋە ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە مەسلىھەت بېرىشنىڭ دائىرىسىنى نامرات رايونلارغا كېڭەيتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى ناھىيەلىك، يېزىلىق داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىغا تېببىي ئىلىم بويىچە تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلىق ھەقسىز تەربىيەلەپ بېرىش، نامرات رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇر ۋە مەخسۇس كېسەللەر دوختۇرلىرىغا ئالاھىدە ئىش ئورنى تەسىس قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇشىنى قوللاش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش، كىرگۈزۈش چارىسىنى بېكىتىش كېرەك. تەدبىرلەرنى قاراتمىلىق قوللىنىپ، نامرات رايونلاردا يۇقۇملۇق كېسەل، يەرلىك كېسەل، سوزۇلما كېسەل قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، ئاياللاردا بولىدىغان ‹‹ئىككى خىل راك كېسىلى››نى ھەقسىز تەكشۈرۈش، ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن ئەلا سۈپەتلىك تۇغۇش بويىچە ساغلاملىقىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قاتارلىق جامائەت ساغلاملىقىدىكى چوڭ – چوڭ تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  (11) يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىدە ئاشكارىلاپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ بويىچە يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ياردەم بېرىشكە تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان ئائىلىلەرنى سىياسەت خاراكتېرلىك كاپالەتلەندۈرۈشنى ئاشكارىلاش كېرەك. يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلاردا بىر تۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى بىر قەدەر تۆۋەن رايونلاردا ئۆلچەمنى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش كېرەك. يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى بىلەن يۆلەش – ئېچىش سىياسىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش لايىھەسىنى ئىمكانقەدەر تېز تۈزۈش كېرەك. يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغان ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلگەن بارلىق نامرات ئائىلىلەرنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلارنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى نامرات رايونلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بېقىش شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن يۆلەش – ئېچىشقا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، بايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئۇچۇر سۇپىسىنى ئورنىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، باشقۇرۇشنى خىزمەت مېخانىزمى بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈش كېرەك. شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى ۋاقتىدا ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى سۇغۇرتىغا ئاكتىپ قاتنىشىش ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك. شارائىتى، ئېھتىياجى بار رايونلار نامراتلارغا ئاشلىق ياردىمى بەرسە بولىدۇ.

  (12) مۈلۈك پايدىسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا، مالىيەدىن بېرىلىدىغان مەخسۇس تۈردىكى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ۋە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق باشقا مەبلەغنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، باقمىچىلىق، فوتوۋولت، سۇ ئېلېكتىر، سەھرا ساياھەتچىلىكى قاتارلىق تۈر بولۇپ شەكىللەنگەن مۈلۈكلەرگە سېلىش كېرەك. شارائىتى ھازىرلانغانلار پايغا سۇندۇرۇپ ئۆلچەملەشتۈرۈپ نامرات كەنت ۋە ئائىلىلەرگە، بولۇپمۇ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان نامرات ئائىلىلەرگە بېرىشى كېرەك. مۈلۈكلەرنى كەنت كوللېكتىپى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە باشقا باشقۇرۇش ئوبيېكتلىرى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۈلۈكلەرنى باشقۇرغۇچى تەرەپنىڭ مالىيە مەبلىغىدىن شەكىللەنگەن مۈلۈكلەرنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پايدىنى تەقسىم قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك پايدىسىنى پېيى بار نامرات ئائىلىلەرگە ۋاقتىدا بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە باشقا باشقۇرۇش ئوبيېكتلىرىغا يەرلەرنى باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلىش، چارۋىلارنى بېقىشقا ھاۋالە قىلىش ۋە دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىپ پايغا كىرگۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. نامرات رايونلاردا سۇ ئېلېكتىر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق بايلىقلارنى ئېچىش؛ يېرىنى باشقىلار ئىگىلىۋالغان كەنت كوللېكتىپلىرىغا بېرىلگەن پاي ھوقۇقىنىڭ پايدىسىدىن نامرات ئاھالىلەرنى بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  (13) ئامانەت بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار ھەم مېيىپلەرگە غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزىلاردىكى ئامانەت بالا، ئاياللار ۋە ياشانغانلارنىڭ ھەم مېيىپلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىق تەكشۈرۈپ، تەپسىلىي ھەم مۇكەممەل بولغان، ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئۇچۇرلارنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىش كېرەك. بالىلار پاراۋانلىق ئورنى، پاناھلاندۇرۇپ قوغداش ئورنى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش ئورنى، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش – ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى، مەھەللە بالىلار ئائىلىسى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئائىلە، مەكتەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى كۈچلەر بىرلەشكەن ئامانەت بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش تورىنى ئورنىتىش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھامىيلىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېتىم بالىلار، بېقىۋالغۇچىسى يوق بالىلار، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىكى ئېغىر كېسەل، ئېغىر مېيىپ بالىلار قاتارلىق قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلارنىڭ پاراۋانلىق كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بايقىغاننى مەلۇم قىلىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش كېرەك. نامرات مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئالاھىدە مائارىپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈش ۋە ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. مېيىپلەرنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقىغا ئاساسەن، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ۋە ئېغىر مېيىپلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش كېرەك. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەردىكى ياشانغانلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ئېغىر مېيىپ بولغان نۇقتىلىق پاناھلاندۇرۇش ئوبيېكتلىرىنى پاناھلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش ۋە ئىلھامدۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتلىك چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاشنى تېزلىتىش كېرەك

  (14) قاتناش، سۇچىلىق ۋە ئېلېكتىر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ تۆمۈريول تورى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنى نامرات رايونلارغا تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دۆلەت يولى، ئۆلكە يولىنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش؛ نامرات رايونلاردا سىرت بىلەن تۇتىشىدىغان، ئىچكى جەھەتتە باغلىنىدىغان قاتناش – تىرانسپورت ئۆتۈشمە يوللىرىنى ياساش كېرەك. مەركەزنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ۋە نامرات رايونلاردىكى تۆمۈريول ۋە تاشيول قۇرۇلۇشلىرىغا سالىدىغان مەبلىغىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىش؛ قاتناش ۋاسىتىسى سېتىۋېلىش بېجىنى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا مەخسۇس تۈر بويىچە يۆتكەش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش؛ نامرات رايونلاردىكى يېزا تاشيوللىرى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، شارائىتى ھازىرلانغان يېزا – بازارلار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەردە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يوللارنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش؛ يېزا تاشيوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە خەتەرلىك كۆۋرۈكلەرنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، تاشيوللارنى نوپۇسى خېلى كۆپ تەبىئىي كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى مۇھىم سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرى ۋە تومالارنىڭ خەتەرلىك جايلىرىنى مۇستەھكەملەش، سۇغىرىش رايونلىرىدا داۋاملاشتۇرۇلىدىغان يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ تېجەش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق سۇچىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزىلاردىكى ئىچىملىك سۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش كېرەك. كىچىك ئېتىز – ئېرىق سۇ ئىنشائاتى، ‹‹بەش كىچىك سۇچىلىق›› قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا نامرات كەنتلەرگە مايىللىشىش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى يېزا جامائەت پاراۋانلىقى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراشنى قوللاش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى قۇرغاقچىلىققا قارشى سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا، كىچىك ئېقىنلارنى تۈزەش ۋە سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. كەلكۈن ۋە گېئوئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ يېزا سۇ ئېلېكتىر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن يۆلەش كېرەك.

  نامرات رايونلارنىڭ مېتېئورولوگىيەسىنىڭ دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى يېزىلارنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، نامرات كەنتلەرگە توك يەتكۈزۈش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، نامرات رايونلارغا توك يەتكۈزۈشتە ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ يىللىق توك چىقىرىش كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ سۇ، توك قۇرۇلۇشىغا قالدۇرۇلىدىغان توك مىقدارىنىڭ نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، فوتوۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلېكتىر تورىغا تۇتاشتۇرۇش، فوتوۋولت يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  (15) ‹‹ئالاقە تورى +›› ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. تېلېگرافنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت تۆلىمى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ بەلباغلىق تورنى نامرات كەنتلەرگە يەتكۈزۈش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. ئېلېكتىرون سودا سۇپىسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ ئەشيا يەتكۈزۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پوچتا، تەمىنات – سودا كوپىراتىپى قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ نامرات يېزا، كەنتلەردە مۇلازىمەت تور ۋە نۇقتىسى تەسىس قىلىشنى قوللاش كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ يېزا كەسىپلىرىنى كۆپەيتىشىنى قوللاپ، نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئېلېكتىرون سودىسى بويىچە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. نامرات ئائىلىلەرنىڭ تور دۇكىنى ئېچىشى ئۈچۈن تور خىراجىتى تولۇقلىمىسى، ئاز سوممىلىق قەرز قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىش كېرەك. ئالاقە تورى ئارقىلىق دېھقانلارغا قولايلىق مۇلازىمەت قىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇچۇرلارنى كەنت ۋە ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش كېرەك.

  (16) يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىش كېرەك. نامرات رايون يېزىلىرىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئۆيلىرىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش، كارتىسىنى تولدۇرۇش خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىش، كوللېكتىپ ئىجارە ئۆي سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامرات كەنتلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، يۇندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە كەنتلەرنى كۆكەرتىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى تۇتاشتۇرۇپ تۈزەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ قۇتقۇزۇش ئورنىغا ئىش تېپىپ بېرىش سالمىقىنى زورايتىش، يېزىلارنىڭ تاغ، سۇ، ئېتىز، ئورمان، يول قۇرۇلۇشى ۋە كىچىك ئېقىنلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. مالىيەدىن ياردەم بېرىلىدىغان مىكرو، كىچىك قۇرۇلۇش تۈرلىرى، نامرات كەنتلەرگە چېتىشلىق بولغانلىرىنى بىر ئىشنى بىر كېڭىشىش ئۇسۇلى بويىچە كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزى قۇرۇپ ئۆزى باشقۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. پۈتكۈل كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق نامرات كەنتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، گۈزەل ۋە ياشاشقا باپ كېلىدىغان يېزا – كەنت قۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  (17) كونا ئىنقىلابىي رايون، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايون، قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاشما رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇقتىلىق نامرات كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ مالىيە يۆتكىمە چىقىمىنى كۆپەيتىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار نامراتلارنى ھەر جەھەتتىن يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنى نامراتلىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدۇرۇشقا ئائىت ئالاھىدە سىياسەت – تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. چېگرا رايون، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسپىي مائارىپنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە كەنت، بازارلىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، چېگرا رايونلارنىڭ يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، چېگرا رايونلاردىكى ئاممىغا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ چېگرا رايونلارنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىنى تولۇق كۆزدە تۇتۇپ، چېگرا رايونلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى مەركەزلىك ياخشىلاپ، چېگرا سودىسى ۋە ئۆزگىچە ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئارقىلىق چېگرا رايوندىكى ئاممىنىڭ خاتىرجەم ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش، چېگرانى قوغداش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. تارماق رايونلارنىڭ ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزلىك ۋە تۇتاشما قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلارنىڭ رايون تەرەققىياتى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك. مەركەز سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، ئالاھىدە يۆلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شىزاڭ، چىڭخەي، سىچۈەن، يۈننەن، گەنسۇدىكى زاڭزۇلار رايونى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

  (18) مالىيە ئارقىلىق يۆلەش سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ يۆلەش – ئېچىشتىكى سۇبيېكتلىق ۋە ئاساسىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۆلەش – ئېچىشنىڭ يېڭى مەبلەغ يولىنى پائال ئېچىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يۆلەش سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەز مالىيەسىنىڭ نامرات رايونلارغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ مەخسۇس يۆلەش مەبلىغىنى زور نىسبەتتە ئاشۇرۇپ، ئادەتتىكى يۆتكەپ چىقىم قىلىش مەبلىغى، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىشلىق ھەر خىل مەخسۇس يۆتكەپ چىقىم قىلىش مەبلىغى ۋە مەركەز خامچوتىدىكى سېلىنمىنى نامرات رايونلار ۋە نامراتلارغا يەنىمۇ مايىللاشتۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ لاتارىيە جامائەت پاراۋانلىقى فوندىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش، يېزىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنىڭ مۇئەييەن نىسبىتىنى نامرات كەنتلەرگە ئىشلىتىشكە بولغان تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. تارماقلار ئورۇنلاشتۇرغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، تۈرى ۋە قۇرۇلۇشلاردا ئەڭ زور دەرىجىدە نامرات رايون، نامرات كەنت ۋە نامراتلارغا مايىل بولۇش كېرەك. ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئۆز جايىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيەنىڭ چىقىم قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، يۆلەش سېلىنمىسىنى ھەقىقىي كۆپەيتىش كېرەك. 2016 – يىلىدىن باشلاپ، مەركەز ۋە يەرلىك مالىيەنىڭ چىقىم قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، نامرات رايونلارنىڭ سۇ، توك، يول ۋە تەبىئىي گاز تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى يىرىك پىلانلارنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان، كۆپ تارماقلارنى ماسلاشتۇرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ نىشانى يېقىن، يۆنىلىشى ئوخشاش بولغان يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاشما ۋىلايەت، ناھىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەر ناھىيەنىڭ گەۋدىلىك مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، يۆلەش يىرىك پىلانىنى يېتەكچى، نۇقتىلىق يۆلەش تۈرىنى سۇپا قىلىپ، مەخسۇس يۆلەش مەبلىغى، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغ ۋە جەمئىيەتنىڭ نامراتلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشنى قوللاش كېرەك. دۆلەتنىڭ نامرات رايونلاردا ئورۇنلاشتۇرغان جامائەت پاراۋانلىقى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك ۋە غەربىي رايوندىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاشما رايونلارنىڭ ۋىلايەت ۋە شەھەر دەرىجىلىك يانداش مەبلىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيەنىڭ مەبلەغ سېلىش تولۇقلىمىسىنىڭ نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. يۆلەش – ئېچىش جەريانىدا، ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەت كاپىتالى بىلەن ھەمكارلىشىش، ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئەندىزىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.

  مالىيەنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، يۆلەش مەبلىغىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى يالغان يوللاش، كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئېلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋېلىش، خىيانەت قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، بۇزۇپ – چېچىپ، ئىسراپ قىلىش قاتارلىق قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى قەتئىي قاتتىق جازالىشى كېرەك. يۆلەش – ئېچىش ساھەسىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى مەركەزلىك تۈزەش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامرات رايونلاردا نامراتلارنى يۆلەش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئاممىغا ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر