خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ۋورونېژ شەھىرىدىكى بىر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا 12-دېكابىر يېرىم كېچە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. دوختۇرخانا ياغاچتىن سېلىنغان بولغاچقا، ئوت ناھايىتى تېز تۇتىشىپ، 700 كىۋادرات كۆلەمدىكى جايغا يامرىغان، دوختۇرخانىدىكى ئىككى بىنانىڭ بىرى كۆيۈپ كېتىپ، 23 ئادەم قازا قىلغان. نۆۋەتتە، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋاتقان بولۇپ، ھادىسە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، دەپ گۇمان قىلىنىۋېتىپتۇ.
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف شۇ يەر ۋاقتى 13-دېكابىر بىلدۈرۈپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، شۇنداقلا قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيەدىكى ئالاقىدار دائىرىلەر قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بېرىدىغان ياردەم تەدبىرىنى بېكىتكەن. ۋورونېژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت 14-دېكابىرنى تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى قىلغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلىرىدا باشقۇرۇش قالايمىقان، ئەسلىھەلەر كونا بولغانلىقتىن نۇرغۇن قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلاردا جەمئىي 13 قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئادەملەر قازا قىلىش، يارىلىنىش، مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى ئېغىر بولغان.