باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(3)

ئومۇمىي يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

2015.10.30 11:13   مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(3)

  ئومۇمىي يىغىندا «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى چوڭقۇر ئانالىز قىلدى، بۇ مەزگىلدە ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نى - نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، شۇنداقلا كۆپلىگەن زىددىيەت گىرەلىشىپ كەتكەن، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر كۆپەيگەن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. بىز ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى توغرا ئىگىلەپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، كۈچنى داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىمىز كېرەك، دەپ قارالدى.

  ئومۇمىي يىغىندا «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىرىنچى ۋەزىپە دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزم ۋە تەرەققىيات شەكلىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا چوقۇم تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك: خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى نىشان، تەلىپى: ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭلۇقى، سىغدۇرۇشچانلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا، 2020 - يىلىغا بارغاندا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010 - يىلىدىكىدىن بىر قاتلاپ، كەسىپلەرنى ئوتتۇراھال، يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلەندۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشىدىغان تۆھپىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، نوپۇستىكى ئاھالىنى شەھەر - بازارلاشتۇرۇش نىسبىتىنى تېز ئۆستۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزدە ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال نامراتلىقنى تۈگىتىش؛ خەلقنىڭ ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش؛ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. بۇ ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار بۇ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشى كېرەك.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن
      ·مەركىزىي مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىغا يەنە بەش يىل يارد…
      ·«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1- تۈركۈم تولۇق كۇرسقا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ» دېگەن يالغان خەۋەر 
      ·2016 - يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 10 - ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
      ·2016 - يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت تايانچلىرى پىلانى»ئېلان قىلىندى شىنجاڭغا 617 سان بېرىلدى
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 12-ئاينىڭ10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ
      ·جۇڭگودىكى ئۈچ ئالىي مەكتەپ ئامېرىكا ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى
      ·ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەسلى مەنىسى بويىچە بولسۇن
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ