ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەرەققىيات پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار چوقۇم تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش ۋە ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشتىكى خوجايىنلىق ئېڭىنى قوزغاش كېرەك. سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەت تۈزۈلمە، مېخانىزمى ۋە شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئورتاق تونۇشى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا ئاساسەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزاملارغا ئاساسەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئورنىتىش كېرەك. بىخەتەر تەرەققىي قىلىش قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جامائەت بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار، ئۇچۇر، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىندا ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر تەھلىل قىلىنىپ، مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى مەلۇم مەزگىلگىچە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى − ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تەكلىپ» تە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك قارار، ئورۇنلاشتۇرما ۋە خىزمەت تەلەپلىرىنى ئۆز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ئىدىيەنى ئومۇمىي يىغىن روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىستىلنى ياخشىلاش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى خالىمايدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزمنى تىرىشىپ ئورنىتىپ، قىسمەن كادىرلاردىكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلماسلىق، ئىشنى قالايمىقان قىلىش مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ئىستىلى دۇرۇس، توغرا كەيپىياتلىق سىياسىي ئېكولوگىيەنى پائال يارىتىپ، دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، جاسارەتلىك - ياراملىق روھىي ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، كادىرلار دىيانەتلىك، ھۆكۈمەت پاك، سىياسەت ئاشكارا بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.