باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(5)

ئومۇمىي يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

2015.10.30 11:13   مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(5)

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشتا، چوقۇم بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت قوغداشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارى ئېكولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان شەھەرلەشتۈرۈش ئەندىزىسى، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئەندىزىسى، تەبىئىي قىرغاق لىنىيەسى ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونىنىڭ زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداشتىكى ئاساسىي تۈزۈم بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كاربونسىزلاشتۇرۇپ قويۇپ بېرىش ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەپ ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىپ، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، ئايلانما پايدىلىنىدىغان بايلىق قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى، سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھوقۇقى، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقىنى دەسلەپ تەقسىم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇشتەك ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇھىت تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ئەڭ قاتتىق مۇھىت ئاسراش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە تىك يۆنىلىشلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسىقىنى مۇستەھكەملەپ، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىيلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، زېمىننى كەڭ كۆلەمدە يېشىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆك دېڭىز قولتۇقلىرىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشتا، چوقۇم ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر سىڭىش يۆنىلىشىگە ماسلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە جامائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە پائال قاتنىشىپ، ئېلىمىزنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشتىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، كەڭ مەنپەئەتلىنىش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، چوقۇم ئېچىۋېتىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭقۇر بىرىككەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە رىقابىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشىنى قوللاپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى ۋە ئىقتىسادىي رايون يېتىلدۈرۈپ، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېچىۋېتىش يېڭى تۈزۈلمىسى شەكىللەندۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالاشقان، قولاي سودا مۇھىتىنى، سودىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجازەت بېرىلىشتىن ئىلگىرىكى پۇقرالار تەمىناتىغا پاسسىپ تىزىملىك قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى، ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن كۆپ ساھەدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇقچىلىق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئىچكى - تاشقى جەھەتتە بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىدىغان، شەرق ۋە غەربكە قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىلگەن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىچكى قۇرۇقلۇق بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، ئىچكى قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن رايونىنىڭ ھەمكارلىقى، تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئېچىۋېتىشتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋە رولىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش شەكلىدە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەيۋەننىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇقراسى، ياش - ئۆسمۈرلىرى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلىرىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشقا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ باراۋەر، ئادىل، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك. خەلقئارا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ، يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش سۆھبىتىگە پائال قاتنىشىپ، 2030 - يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەرەققىياتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتا، چوقۇم خەلق ئۈچۈن تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىسىدىن خەلق تەڭ بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىپ، پۈتكۈل خەلققە ئورتاق قۇرۇش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش داۋامىدا كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. ھەممە قاتنىشىش، ھەممە كۈچ چىقىرىش، ھەممە بەھرىمەن بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، تۆۋەن چەكتە چىڭ تۇرۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۆزلىمە نىشانغا يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەتنىڭ باراۋەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئورتاق قەدەم قويۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، ئىشنى خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئورتاق بەھرىمەن قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنقىلابىي كونا رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايون، نامرات رايونلارغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ئائىلىلەرنى تۈرگە ئايرىپ يۆلەشنى يولغا قويۇپ، نامرات ئاھالىگە مۈلۈك پايدىسى بويىچە يۆلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزىلاردىكى قارىغۇچىسى يوق بالىلار ۋە ئاياللار، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تۈرلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنى يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى قەدەمداش بولۇش، ئەمگەك ھەققىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئەمگەك - ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ ئۆسۈشى قەدەمداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي مائاش سەۋىيەسىنى بەلگىلەش مېخانىزمى، نورمال ئېشىش مېخانىزمى، چىقىم كاپالىتى مېخانىزمىنى، ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ ئۆسۈش مېخانىزمىنى، بازارغا باھا بېرىش ئامىلىنىڭ تۆھپىسى ھەم تۆھپىسىگە قاراپ تەقسىم قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ باراۋەر، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش فوندىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بىر قىسىم دۆلەت مۈلكىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلاشقا يۆتكەپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا باھاسىنى تەرتىپكە سېلىپ، داۋالاش، داۋالاش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش تۈزۈمى ۋە زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. نوپۇسنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، نوپۇسنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر جۈپ ئەر - خوتۇننىڭ ئىككى بالىلىق بولۇشىغا يول قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن
      ·مەركىزىي مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىغا يەنە بەش يىل يارد…
      ·«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1- تۈركۈم تولۇق كۇرسقا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ» دېگەن يالغان خەۋەر 
      ·2016 - يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 10 - ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
      ·2016 - يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت تايانچلىرى پىلانى»ئېلان قىلىندى شىنجاڭغا 617 سان بېرىلدى
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 12-ئاينىڭ10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ
      ·جۇڭگودىكى ئۈچ ئالىي مەكتەپ ئامېرىكا ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى
      ·ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەسلى مەنىسى بويىچە بولسۇن
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ