باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(2)

ئومۇمىي يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

2015.10.30 11:13   مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(2)

  ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىشىشى ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىشى، بولۇپمۇ ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېغىرلىشىشتەك خىرىس ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر خىل خەتەر ۋە خىرىسنى ئۈنۈملۈك تۈگەتتى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك ئېشىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىدا يېڭى، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: 2020 - يىلىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش −− پارتىيەمىز بېكىتكەن « ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى. «13 - بەش يىل» ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى بولۇپ، « 13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان جەزمەن بۇ كۈرەش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا تۈزۈپ چىقىلىشى كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىز تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلىپ مۇنداق قارالدى: مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، مۇرەككەپ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، خەلقئارا تەسىرىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. تېخىمۇ مۇھىمى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ماھىرلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بويىچە بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى پىكىر، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىسى ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى بىلەن تەمىنلىدى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن
      ·مەركىزىي مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىغا يەنە بەش يىل يارد…
      ·«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1- تۈركۈم تولۇق كۇرسقا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ» دېگەن يالغان خەۋەر 
      ·2016 - يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 10 - ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
      ·2016 - يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت تايانچلىرى پىلانى»ئېلان قىلىندى شىنجاڭغا 617 سان بېرىلدى
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 12-ئاينىڭ10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ
      ·جۇڭگودىكى ئۈچ ئالىي مەكتەپ ئامېرىكا ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى
      ·ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەسلى مەنىسى بويىچە بولسۇن
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ