باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(4)

ئومۇمىي يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

2015.10.30 11:13   مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(4)

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ يادرولۇق ئورنىغا قويۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاساسىي نۇقتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان، ئالدىنقى ئورۇندىكى ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرىدىغان يېتەكلەش تىپىدىكى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمگەك كۈچى، كاپىتال، يەر، تېخنىكا، باشقۇرۇش قاتارلىق ئامىللارنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، قولمۇ قول ئىگىلىك تىكلەش، قولمۇ قول يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېھتىياجلارنى قويۇۋېتىپ، يېڭى تەمىنلەشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، دېڭىز بويى، دەريا بويى، يىپەك يولى بويىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغنى ئاساس قىلغان تىك ۋە توغرا يۆنىلىشلىك ئوق بەلباغنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر قانچە نۇقتىلىق ئىقتىسادىي رايون يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، توردا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، «ئالاقە تورى» ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن بەھرلىنىپ، دۆلەت چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم مۇھىم پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش ساھەلىرىدە بىر تۈركۈم دۆلەتلىك تەجرىبىخانىلارنى قۇرۇپ، خەلقئارالىق چوڭ ئىلمىي پىلان ۋە چوڭ ئىلمىي قۇرۇلۇشلارنى پائال ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مەھسۇلاتى بىخەتەر بولغان، بايلىق تېجەيدىغان، مۇھىت سۆيەر يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىش كېرەك. كەسىپ يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى −− 2025»، سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشقا پايدىلىق بازار مۇھىتى، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى، مەبلەغ سېلىش - يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى، تەقسىملەش تۈزۈمى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش مېخانىزمىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى قوزغىتىپ، تۈرلۈك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى، باج تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسىنى ئىسلاھ قىلىش ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون ئارا تەڭشەپ تىزگىنلەش ئاساسىدا نىشانلىق تەڭشەپ تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ باھا شەكىللىنىشكە ئارىلىشىشىنى ئازايتىپ، رىقابەتلىك ساھەلەردىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشتا، چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىياتتىكى مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، شەھەر، يېزا رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائي ئىشلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەرلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قاتتىق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىشتە، چوقۇم ماس تەرەققىيات جەريانىدا تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئاجىز ساھەلەردە تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامىللار تەرتىپلىك، ئەركىن يۆتكىلىدىغان، سۇبيېكتىپ ئىقتىدار چەكلىشى ئۈنۈملۈك ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى تەكشى ، بايلىق مۇھىتى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر، يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، يېزىلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى، يېزا ئۇل مۇئەسسەسە سېلىنمىسىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - بازارلاردىكى جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ يېزىلارغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ، ئىدىيە، ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئېڭى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي روھنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىككە تەڭ ئېتىبار بېرىش، دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي - خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ھەربىي - خەلقنىڭ ئومۇمىي ئامىللىق، كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن
      ·مەركىزىي مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىغا يەنە بەش يىل يارد…
      ·«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1- تۈركۈم تولۇق كۇرسقا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ» دېگەن يالغان خەۋەر 
      ·2016 - يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 10 - ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
      ·2016 - يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت تايانچلىرى پىلانى»ئېلان قىلىندى شىنجاڭغا 617 سان بېرىلدى
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 12-ئاينىڭ10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ
      ·جۇڭگودىكى ئۈچ ئالىي مەكتەپ ئامېرىكا ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى
      ·ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەسلى مەنىسى بويىچە بولسۇن
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ