ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن ليۇ شياۋكەي، چېن جېرۇڭ، جىن جېنجىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تەرتىپ بويىچە تولۇقلاش قارار قىلىندى.
ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ لىڭ جىخۇا، جۇ بېنشۈن، ياڭ دۇڭلياڭ، جۇ مىڭگو، ۋاڭ مىن، چېن چۇەنپىڭ، چۇ خې، ياڭ ۋېيزې، پەن يىياڭ، يۈ يۇەنخۈينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئىلگىرىكى لىڭ جىخۇا، جۇ بېنشۈن، ياڭ دۇڭلياڭ، جۇ مىڭگو، ۋاڭ مىن، چېن چۇەنپىڭ، چۇ خې، ياڭ ۋېيزې، پەن يىياڭ، يۈ يۇەنخۈيگە بەرگەن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېكىتىلدى.
ئومۇمىي يىغىن بارلىق پارتىيەلىك يولداشلار ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى بىرلىكتە قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمە بۆلۈمى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى