باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۇسۇل ئوينايدىغان قىز(1)

رىزۋانگۈل يۈسۈپ

2015.07.30 10:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ھاياتىمنىڭ ئون يەتتە باھارى تولىمۇ گۈزەل ئۆتتى. گويا مىنىڭ ھاياتىمدا ھىچقانداق بوران-چاپقۇن بولمايدىغاندەك ھەم بولۇپ باقمىغاندەك چىرايىمدىن بالقىپ تۇرغان خاتىرجەملىك ھەم گۈزەللىك ھەممىلا ئادەمنى ھاڭ-تاڭ قالدۇراتتى. ئەينەككە قاراپ ئۆز ئەكسىمنى تاماششا قىلغاچ ھالرەڭ كۆڭلىكىمنى لەپىلدىتىپ ۋالىس ئوينىغانغاندەك پىقىرىغان چاغلىرىمدا يۈرۈكۈم ئىيتقۇسىز خۇشاللىققا چۆمەتتى. يۈرۈكۈمدە بىپايان يايلاقلارنىڭ ئەكس ساداسىدەك گۈزەل ۋالىس مۇزىكىسى جاراڭلايتتى.كۈلەتتىم ،پىقىرايتتىم...يەنە توختىماي پىقىرايتتىم......
تۇيۇقسىز سەھنىدىلا يىقىلىپ چۈشتۇم . بۇ مەندە ھىچقاچان بولۇپ باقمىغان بىر ئەھۋال ئىدى. تا ھازىرغىچە ھىچقاچان مۇزىكا ئۇدارىدا ئىزىپ قالمىغان، پۇتلىرىم ھىچقاچان بۇنداق كالامپايلىشىپ باقمىغانىدى. ئۆزۈممۇ سەزمەي قالدىم.مەن ئۇسۇل ئويناۋاتقان مۇزىكا ئاخىرلىشاي دىگەندە يۇرۇگۈمدە جاراڭلاۋاتقان مۇزىكا بىردىنلا ئەۋجىگە چىقىپ مەن ئىككى مۇزىكىنىڭ ئۇدارىنى پەرق قىلالماي تەمتىرەپ قالدىم.نەتىجىدە پۇتلىرىم كالامپايلىشىپ گويا بىرى چۆرگىلىتىپ قويۇپ بەرگەندەك پالاققىدە يىقىلىپ چۈشتۈم.مۇزىكىنىڭ ئەۋجى ئۆچتى. ئەتراپ يەنە تىمتاسلىققا چۆمدى. لاپىلداپ يېنىۋاتقان سانسىزلىغان چىراغلار لاپپىدە يورۇپ، يېنىمدا دادامنىڭ ئەنسىزلىككە چۆمگەن چىرايى پەيدا بولدى. دادام مىنى خۇددى كىچىككىنە قوزىنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپلا پەلەمپەيدىن چۈشۈشكە باشلىدى. دادامنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ ھاسىراپ ئەگەشكىنىنى سەزدىم. يۇرۇگۈمدە يەنە يىنىككىنە مۇزىكا جاراڭلاشقا باشلىدى. دادامنىڭ بىلىكى ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈپ قارىغىنىمدا چاچلىرى كۆزىنى توسۇۋالايلا دەپ قالغان بىر يىگىتنىڭ تاتارغان چىرايىنى كۆردۈم .ئۇ مىنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ شاپپىدە توختىدى.بىزنى كۆزلىرى بىلەن ئۇزۇتۇپ ئۆزى تۇرغان جايىدا تۇرۇپ قالدى.
مەن بالنىستا ياتقان كۈنلەردە ھىلىقى يىگىتنىڭ يۇمران كۆزلىرى پات-پات خىيالىمدىن كىچىپ تۇردى. شۇ كۆزلەر ئىسىمگە كەلگەن ھامان يۈرۈگۈمدە نازۇك بىر كۈي جاراڭلايتتى. قاچانلاردا يۈرۈگۈمدە مەن ئۈچۈن ناتۇنۇش بولغان كۈيلەرنىڭ تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇشقا باشلىغىنىغا ئۆزۈممۇ ھەيران قالاتتىم. بۇ تۇيغۇ شۇنداق تۇيۇقسىز زاھىر بولاتتىكى مەن ئىختىيارسىز جىممىدە تىڭشاشقا ياكى شۇ ئۇدارغا ماسلىشىشقا مەجبۇر بولاتتىم......
مومامنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدىكى چىرايى يۈرۈگۈمگە جىممىدە سىڭىپ كىتەتتى. ئۇ نامازنى شۇنچىلىك ئىخلاس بىلەن ئوقۇيتتىكى، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى يۈرۈگىدە ئوقچۇۋاتقان مۇزىكىدەك يىقىملىق ئاۋازنى پەقەت مەنلا ئاڭلىيالايتتىم.سۇنىڭ شىلدىرلىشىدەك شۇ سۈزۈك ئاۋازدىن مەستخۇش بولۇپ ئۇنىڭ چىھرىسىگە جىممىدە قاراپ تۇراتتىم .مىنىڭ نەزىرىمدە بۇ دۇنيادا مومامنىڭ يۈرۈگىدىكى شۇ ئاۋازغا يىتىدىغان گۈزەل ئاۋاز مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.مىنىڭ ئاۋازسىز دۇنيايىمدا پەقەت مومامنىڭ يۈرۈگىدىن تىڭشاپ ئاڭلىۋالغان ئەشۇ بىرلا مۇزىكا ئاۋازى بار ئىدى.
ئۆيىمىز سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئائىلە قورۇسۇدا بولۇپ بىر توپ بالىلار قورۇ ئىچىدە قىيا-چىيا قىلىشىپ قوغلاشماق ئويناپ ھىرىپ كەتكەنلىرىدە ئاستا كىلىپ قورۇنىڭ چىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان چوڭ رەپىتىس زالىنىڭ دەرىزىلىرىدىن مارىلاپ ئارتىسلارنىڭ مەشقلىرىنى تاماششا قىلىشاتتى. ئۇلار زال ئىچىگە بويۇنداپ قاراپ زالنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى ئورۇندۇقتا ئىڭىكىنى يۆلەپ ئولتۇرغان كىچىككىنە قىزچاقنى كۆرەتتى.ئۇنى بىر ئاماللار بىلەن يىغلىتىش ئۈچۈن ھەر خىل قىلىقلارنى قىلىشاتتى.ئۇلار بۇ قىزچاقنىڭ يىغلىغان چاغدىكى چىرايلىق تۇرقىنى كۆرۈشكە ئامراق ئىدى.ئەمما قىزچاق ئۇلارغا قاراپ قويمايتتى. ئانىسىنىڭ ئۇسۇل مەشق قىلىشىغا كۆز ئۈزمەي قاراپ ئولتۇراتتى. ئاسلاندەك ئوماق بۇ قىزچاق ئەزەلدىن مومىسى ياكى ئانىسىنىڭ يىنىدىن ئايرىلمايتتى .ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بىر خىل يىتىرقاش ھەم چوڭلارغا خاس تەمكىنلىك تەڭلا چاقنايتتى. قورۇدىكى بالىلار ھەمىشە ئۇنى ياكى مومىسى بىلەن ئانىسى ياكى دادىسىنىڭ قولىنى يىتىلەپ كىتىۋاتقان ھالەتتە كۆرەتتى...
* * *
ئاللىبۇرۇن يەتتە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغىنىمغا قارىماي سىرتلارغا ھەتتا قورۇ ئىچىدىكى بالىلار بىلەنمۇ ئوينىغىلى چىقمايتتىم.سەۋەبى سىرتتىكى ئاۋازسىز دۇنيادىن خەۋپسىرەيتتىم.ھىچكىم مىنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىيالمىغاندەك مەنمۇ ئۆز-ئاتا-ئانام،مومام ھەم ئاچا-سىڭىللىرىم ھەم مويلىرى ساپ-سىرىق پاقىراپ تۇرىدىغان كۈچۈكتىن بۆلەك ھىچكىمنىڭ ھەم ھىچنىمىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايتتىم.مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى ھەممە نەرسە ئاۋازسىز ئىدى.
ئائىلەمدىكىلەر مىنى گۈزەلنۇر دەپ چاقىراتتى. ئىسمىمنىڭ ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان نۇردەك گۈزەللىكى مىنى خۇشال قىلاتتى.مومامغا،ئانامغا ھەتتا دادامغىمۇ ئاسلاندەك سۈركۈشۈپ ئەركىلەيتتىم.مومامنىڭ يۇرۇگىدىكى مۇزىكىدەك يىقىملىق ئاۋاز، ئانامنىڭ ئۇسۇل ئوينىغان چاغدىكى ئەۋرىشىم،چەبدەس قامىتى،دادامنىڭ يوغان چامداپ ماڭغان چاغدىكى تاغدەك بەستى،كەينىمدىن ئەگىشىپ يۇرۇيدىغان سىرىق كۈچۈك ، ئائىلىمىزدىكى كۈلكە-چاقچاق ئۆكسىمەيدىغان گۈلگۈن كۈنلەر.....مىنىڭ يۇرۈگۈمگە ئاستا-ئاستا سىڭىپ باراتتى.
دادام ھەر كۈنى سەھەردە قارا رەڭلىك ئىسىل بىر ماشىنىنى ھەيدەپ چىقىپ كىتىپ ئۇزاق ئۆتمەي ماشىنىسىنى ھەيدەپ يەنە قايتىپ كىلەتتى. ماشىنىدىن سالاپەتلىك بىر ئەر كىشى چۈشۈپ رەپىتىس زالىغا كىرگەن ھامان ئارتىسلار دەرھال تىتىكلىشىپ،ئۇسۇلچىلار تىخىمۇ نازۇك ئۇسۇل ھەركەتلىرىنى ئورۇنلايتتى. ئانامنىڭ ئۇسۇل ئويناۋىتىپ دادامغا قاراپ مىيىغىدا كۈلۈپ قويغىنىنى كۆرەتتىم.
مەن ھەمىشە چۈشلىرىمدە بەك ئىسىل سەھنىلەردە ئۇسۇل ئويناپ چۈشەيتتىم. ئۆمرۈمدە ئۆزۈم ياشاۋاتقان مۇشۇ كىچىككىنە قورۇنىڭ سىرتىدىن بۆلەك يەرلەرگە بىرىپ باقمىغىنىمغا قارىماي چۈشلىرىمدە كۆرىدىغان جايلار شۇنچىلىك گۈزەل،مەن ئۇسۇل ئوينايدىغان سەھنىلەر شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك ئىدى. ئانام ئويۇن قويغىلى كەتكەن كۈنلەردە ئانامنىڭ ئىسىل سەھنىلەردە توزدەك ياسىنىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. بىر قىتىم ئانام-داداملارنىڭ ئويۇن قويۇشقا ماڭغان كۈنى ئۇلار بىلەن بىللە بارىمەن دەپ بەك چىڭ يىپىشىپ تۇرىۋالدىم.مەن ھىچقاچان شۇ كۈندىكىدەك جاھىللىق قىپ باقمىغان ئىدىم. دادام مىنى ھىلىقى ئىسىل ماشىنىغا چىقىرىۋالدى. مەن ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىدا ئۆلتۇرۇپ تۇنجى قىتىم يىراق يەرگە ماڭغىنىم ئۈچۈن خوشلۇقتىن گۈلقەقەلىرىم ئىچىلىپ تىپىرلايتتىم.....
بىز شۇ كۈنى كەچتە مومامنىڭ سەھرادىكى مەھەللىسىدەك بىر يىزىدا ئويۇن قويدۇق. ئويۇن كۆرگىلى كەلگەنلەر كەڭرى مەيداندىلا زومچاق-زومچاق ئولتۇرۇشۇپ سەھنىدىن كۆز ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرىشاتتى. سەھنە دىگىنى يەردىن سەل ئىگىزرەك بىر جاي بولۇپ،كەينى تەرىپىگە قىزىل رەڭلىك چوڭ بىر پارچە لاتا تارتىلغان ،ئىككى يىنى ياغاچ بىلەن قاشالانغان بولۇپ، مەن چۈشۈمدە كۆرىدىغان ھەشەمەتلىك سەھنىگە ئازراقمۇ ئوخشىمايدىغان بىر جاي ئىدى.ئەشۇ توپىلىكتە ئانام رەڭدار كىپىنەكتەك پىقىراپ ئۇسۇل ئوينىدى.ئۇ ئۇسۇل ئوينىغاچ دادام ئىككىمىزگە قاراپ كۈلۈپ قوياتتى....
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر