باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يىگىت جۈرئەتلىك بول(1)

قەيسەر قىيۇم

2015.05.28 10:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئۇنىڭ ئەقلى ھېچ يەتمەيدۇ. قاچانلاردىن بېرى ئۇنىڭ ئىسمى ئارمانغا ئۆزگىرىپ قالدى. بۇ تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قويغان تەخەللۇسىمۇ؟ بۇ قانداقمۇ تەخەللۇس بولسۇن، تېخى ئارماننىڭ كەينىگە ئابلەت دېگەن ئىسىمنى قوشۇپ، ھېكايىنى ئارمان ئابلەت نامىدا ئېلان قىلىپتۇ. بۇ زادى ئۇلارنىڭ نېمە قىلغىنى، ئۈچ يىل ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھېكايىسىنى ئەمدى بېسىڭ، ئۇنى ئاز دەپ ئىسمىنىمۇ خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېتىڭ. ئۇنىڭ تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەرگە تازا ئاچچىقى كەلدى. مانا بۇ ئايلىق ژۇرنالدا يەنە بىر ھېكايىسىنى ئېلان قىلىۋىدى، ئىچى ئاچچىقلا بولۇپ قالدى. «ئەزان چىللاپ قويغان ئىسمىم ئۇلارغا يارىماي قاپتۇ-دە، بىراق ماڭا يارايدۇ. ئۇلاردا كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغان شۇنچە چوھۇق بارمىكەن؟ ئەزر قىلسام بولىدىغان ئوخشايدۇ...»
ئىگەمبەردى مۇشۇ ئىككى ئايدىن بېرى تۇرۇپلا ئۆزىچە شۇنداق غۇدۇرايدىغان بولۇپ قالدى. مىجەزىمۇ چۇسلىشىپ كەتتى. ئۇ ئىمكان بار ئۆزىنى باشقىلاردىن قاچۇراتتى. مەيلى ئۇ ئۆستەڭ قىرىدا چۆپ ئورۇۋاتقان بولسۇن ياكى قوناقلارغا سۇ تۇتۇۋاتقانلاردا بولسۇن كىشىلەر ئۇنى بېشىنى سېلىپ خىيال بىلەن ئىشلەۋاتقان ھالەتتە ئۇچرىتاتتى. ئەسلىدىغۇ ئىگەمبەردى قۇرامىدىكى بالىلارنىڭ بۇ تازا ئويۇن قوغلاپ ياشايدىغان چاغلىرى ئىدى. مەھەللىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ھەيران. كىچىكىدىن ئاغزى بېسىلماي، قىيغىتىپ ئويناپ چوڭ بولغان بالا بىردىنلا شۇنداق ئۆزگىرىپ كېتەمدۇ.
ئەگەر ئىگەمبەردىگە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئۇچرىمىغان بولسا، ئۇ بۇ ناھىيەدىن 100 چاقىرىم يىراقتىكى خىلۋەت يېزىدا قاچانغىچە شۇنداق ياشايتتىكىن- تاڭ؟!
ئاۋغۇستنىڭ سالقىن بىر كۈنى، ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى مۇتەللىپ بوستان يېزىسىغا ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئەكەلدى.
ئەگەر ئىگەمبەردىنىڭ خاھىشىچە بولغاندا مۇتەللىپ مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشمىگەن بولاتتى. لېكىن كىم ئۇلارنىڭ ئۆيىنى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشنا بولسۇن دەپتۇ. كۈن ئابرال تاغلىرىنىڭ كەينىگە يانپاشلاپ، ئەتراپنى بىر قەۋەت گۇگۇملۇق پەردىسى قاپلىغاندا ئىگەمبەردى يوغان بىر باغلام چۆپنى كۆتۈرگىنىچە مەھەللىگە كىردى. ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ. مۇتەللىپ مۇئەللىم ئۇنىڭغا ئۇدۇل كېلىپ قالدى.
-ھە، ئىگەمبەردى ياخشىمۇ سەن؟- مۇئەللىمنىڭ ئاۋۋالقىدەكلا چىققان مۇلايىم ئاۋازى ئىگەمبەردىنى توختاتتى.
-مۇتەللىپ مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟-دېدى ئۇ تاتىرىپ،- مەن تېخى سىزنىڭ قېشىڭىزغا ھېلى كىرەي دېگەنىدىم.
ئۇ بۇ يالغاننى توقۇغىنىغا ئۆزىمۇ خۇش. ئەمەلىيەتتە ئۇ مۇئەللىمنى بار دەپ ئېتىزدىن كەچ قايتقانىدى.
--مانا قارا، سەن مېنى ئىزدىمىسەڭمۇ مەن سېنى ئىزدەپ كەلدىم.
مۇتەللىپ مۇئەللىم ئۇنىڭ بىلەن ياندىشىپ ماڭغاچ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىردى. ئىگەمبەردى شۇندىلا يەنە بىر مەيدان تالاش- تارتىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى جەزىملەرشتۈردى.
مۇتەللىپ مۇئەللىم ئىگەمبەردىلەرنىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن يات ھېسابلانمايتتى. بىر يىل ئىلگىرى ئۇ ئىگەمبەردىنىڭ ئىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە بىر نەچچە قېتىم كەلگەن. شۇنداقلا دادىسى ساۋۇتئاخۇن بىلەنمۇ خېلى چىقىشىپ قالغانىدى.
-ئىگەمبەردى، سەن بۇلتۇرلا مېنىڭ گەپلىرىمدىن زېرىككەن ئىدىڭ،-مۇئەللىم تاماقتىن كېيىن ئىگەمبەردى ئەنسىرەپ تۇرغان ئىشنى ئاخىرى تەشتى،- قايتا ئوقۇغىن دەپ شۇنچە دېسەم ئۇنىمىدىڭ. سەندىن ناچار ئوقۇغان بالىلار ئۆتۈپ كېتىۋېدى، يەنىلا سەن بوينۇڭنى قىسىپ قالدىڭ. ئۇكام سەن تېخى كىچىك، بۇ يىل قېنى بىر بېلىڭنى باغلاپ باقە. يا سەن بىر كاللىسى جاراڭشىمايدىغانلاردىن بولمىساڭ. ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم بىلىدۇ. سەندە ئىقتىدار بار. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا غەيرەت يوق، روھ يوق. ھەي، سەنمۇ بىر ئوغۇل بالىغۇ...-مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەندىن كېيىنلا ئاۋازىنى پەسلىتىپ، ئەگەمبەردىنى قوزغىتىدىغان بىر مۇنچە پايدىلىق گەپلەرنى قىلدى.
دېمىسىمۇ شۇ چاغلاردا ئىگەمبەردى مەكتەپنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ ئاجايىپ گۈزەل، ئاجايىپ شېرىن ئارزۇلار يالقۇنجىغانىدى. مۇتەللىپ مۇئەللىممۇ ئۇچۇش ئالدىدا تۇرغان بۇ بۈركۈتنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن زوقلىناتتى. ئىگەمبەردى سىنىپنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتى، مەكتەپ ئەدەبىيات كۇرۇژۇكىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇلار ئىشلىگەن «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» ژۇرنىلىغىمۇ مۇتەللىپ مۇئەللىم ئىككىسى مەسئۇل بولغان. مۇتەللىپ مۇئەللىم ئۇنىڭ يېزىقچىلىقتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن سۆيۈنەتتى. ئىگەمبەردى ئۆزىمۇ ئىشەنچ بىلەن ئەدەبىيات ياكى ئاخبارات كەسپىنى ئوقۇيمەن دەيتتى. لېكىن تەقدىر ئۇنىڭ ئويلىغانلىرىغا ئوخشاش كۈلۈپ قارىمىدى. ئاقىۋەت ئۇنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرى بىكارغا كەتتى. ئۇنىڭ ئازىراق نومۇرى كەملەپ، ئالىي مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا قەدەم ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى. ئۇنىڭ روھى چۈشتى، يۈرىكى ئەلەم بىلەن موجۇلدى. مۇئەللىم ئۇنىڭغا قايتا ئىمتىھان بېرىش ھەققىدە نەسىھەت قىلدى. ئەمما ئىگەمبەردى مۇئەللىمنى ئۈمىدسىز قالدۇرۇپ، ئۇدۇل يېزىغا قاراپ كەتتى. ئۇ قەلىمىنى تاشلاپ، كەتمەننى ئالدى. ئەمما بۈگۈن يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا مۇتەللىپ مۇئەللىم پەيدا بولۇپ قالدى. مۇئەللىم ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۆچەي دەپ قالغان ئوتلارغا ماي چاچتى.
-مۇئەللىم، مەن شۇ چاغدىلا ئوقۇمايمەن دېدىمغۇ. ئەمدى ئوقۇمايمەن. بۇ راست، مېنىڭ پىشانەمگە دېھقانچىلىق پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە داداممۇ يالغۇز.
-بالام، مۇتەللىپ ئەپەندىم توغرا ئېيتىدۇ. مېنى ئويلىما، ئېتىز ئىشلىرىغا ئۆزۈم يېتىشىمەن. سەن ئوقۇغىن، سېنى يېنىمغا تارتىپ دېھقان قىلىمەن دېگەن بولسام بۇرۇنلا مەكتەپكە بەرمىگەن بولاتتىم.
ئۇلار شۇنداق قىلىپ خېلى تالاشتى. لېكىن ئىگەمبەردىنىڭ قېتىپ كەتكەن كۆڭلى زادىل ئېرىمىدى. ئۇ ئاخىرى چىدىمىدى بولغاي، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. مۇتەللىپ مۇئەللىم كەينىدىن چىقىپ ئۇنىڭ ئورمان يېنىدىكى ئۆستەڭ بويىغا قاراپ ماڭغىنىنى كۆردى.
-ئەپەندىم، خاپا بولماڭ، ئۇنىڭ مىجەزى شۇنداق. بولۇپمۇ مۇشۇ بىر، ئىككى ئايدىن بېرى تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ قالدى،- دېدى ساۋۇتئاخۇن مۇتەللىپ مۇئەللىمدىن ئەپۇ سوراپ.
لېكىن مۇئەللىم خاپا بولمىغانىدى. ئۇ ھېچگەپ يوق، دېگەن مەنىدە كۈلۈپ قويۇپ، ئىگەمبەردىنىڭ كەينىدىن كەتتى.
ئىگەمبەردى شارقىراپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ بويىدا سۇغا تىكىلگىنىچە ئولتۇراتتى. ئۇ بىر يىلدىن بېرى تالاي ۋاقىتلارنى مۇشۇ ئۆستەڭ بويىدا خىيال بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇ چاغدىكى خىياللار بۈگۈنكىدىنمۇ ئاچچىق ھەم ھەسرەتلىك ئىدى. ئۇ مۇئەللىمنىڭ يېنىغا كەلگىنىنى تۇيمىدى. ئۆزىچە ئاستا ئۇھ تارتتى. ئاندىن قولىغا بىر تاشنى ئېلىپ مەقسەتسىزلا ئۆستەڭگە ئاتتى. ئۇ شۇندىلا بىر قولنىڭ مۈرىسىدە تۇرغانلىقىنى سەزدى. ئۇ مۇتەللىپ مۇئەللىمنىڭ قولى ئىدى. بۇ قوللار تالاي قېتىم ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۆرىسىنى قاققان. ئۇ چاغلاردا ئۇ بۇ قوللارغا بەك ئامراق ئىدى. ئۇ قوللارنىڭ دائىم ئۆزىنىڭ مۆرىسىدە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. لېكىن ئۇ بۈگۈن بۇ قوللارنى سىلكىۋەتتى.
-مۇئەللىم، بولدى قىلىڭ.
-ئىگەمبەردى، بىز ھازىر ئۇ ئىشلارنى سۆزلەشمەيلى. باشقا ئىشلار ھەققىدە سۆزلەشسەك قانداق؟
-سۆزلەشكۈدەك نېمە بار؟
-سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بارغۇ. مەسىلەن، يېرىم يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتكەن ئابلەتكام توغرۇلۇق پاراڭلاشساقمۇ بولىدۇغۇ. قارا، يېقىندا ماڭا ئابلەتكامدىن خەت كەپتىكەن، سېنى سوراپتۇ.
بىردىنلا ئۇنىڭ يادىغا يېرىم يىل ئىلگىرى نەشرىياتقا يۆتكىلىپ كەتكەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابلەت مۇئەللىم كەلدى. ئۇ ئادەممۇ ھېكايە يازاتتى. ھەتتا خېلى نوپۇسى بار يازغۇچىلاردىن ئىدى. ئىگەمبەردىمۇ دائىم بۇ ئۇستازىنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن يازغان ئەسەرلىرىگە پىكىر ئالاتتى. قەلبىدە بولسا چوڭ بولۇپ ئابلەت مۇئەللىمدەك يازغۇچى بولۇشنى ئويلاتتى. لېكىن...
-مۇئەللىم، تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەر بەزىدە ئاپتورلارنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇۋېتەمدۇ؟
-قانداق دەيسەن؟-ئىگەمبەردىنىڭ گەپكە كىرىشىپ قالغانلىقىدىن مۇئەللىمنىڭ كۆڭلى يورىدى.
-بىر ئاپتورنىڭ ئەسىرىگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى باسماي، تامامەن يات بولغان ئىسىملارنى باسامدۇ دېمەكچىمەن.
-ياق، بۇنداق ئىش ھەرگىز بولمايدۇ.
-سىز ئۇقمايدىكەنسىز، ئۇنداق ئىشلار بولىدۇ. يەنە كېلىپ تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. مەن «گۈلشەن» ژۇرنىلىغا ئۈچ يىل ئىلگىرى ئەسەر ئەۋەتكەنىدىم. 5-سانىغا بىر ھېكايەمنى، 7-سانىغا يەنە بىر ھېكايەمنى بېسىپتۇ. بىراق ئىسمىمنى «ئارمان ئابلەت» دەپ ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ. بۇ ئىش ھېچ كاللامدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ.
-ھە، ئەستا! ئۇنداقتا بىرسى سېنىڭ ھېكايەڭنى ئوغرىلاپ ئۆز نامىدا ئېلان قىلىپتۇ. ئاشۇ ئارمان ئابلەت دېگەن ئادەم دەل سېنىڭ ھېكايەڭنى ئوغرىلىغان كىشى.
ئىگەمبەردىنىڭ بېشىدىن بىر چىلەك سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك تەنلىرى شۈركەندى. ئۇمۇ، مۇئەللىممۇ جىمىپ كەتتى. ئۇلار ئۆز خىياللىرى بىلەن ئوغرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىدى. ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندە مۇتەللىپ مۇئەللىم ۋارقىرىۋەتتى.
-ھە، ھېلىقى ئارمان ئوخشايدۇ! ئابلەت مۇئەللىمنىڭ ئوغلى ئارمانچۇ.
-ئۇ...
بىردىنلا ئىگەمبەردىنىڭ كاللىسىغا ئېگىز بوي، ئورۇق كەلگەن سېرىق چىراي ئابلەت مۇئەللىمنىڭ ئوغلى ئارمان كەلدى. ئۇلار بىر سىنىپتا ئوقۇغان، ئارمان بەك مۇغەمبەر بولغاچقا ئىگەمبەردى ئۇنىڭ بىلەن چىقىشالمايتتى. ئەمما دادىسىنىڭ يۈزىنى دەپ ئۇنىڭغا قاتتىق تەگمەيتتى. گەرچە ئارمان ئۇنى يازىمەن، بۇنى يازىمەن دەپ باشقىلارنى كۆزىچە ئاق قەغەزنى قارا قىلىپ يۈرگىنى بىلەن ئۇنىڭدىن تۈزۈكرەك بىرەر ئەسەرنىڭ چىمايدىغانلىقى ئەگەمبەردىگە بەش بارماقتەك ئايانىدى. ئەمما ئارمان كۇرۇژۇكنىڭ ئادەتتىكى بىر ئەزاسى بولۇشىغا قارىماي، كۆپ ئىشلارغا ئۆزى يۈگۈرۈپ باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرەتتى. بولۇپمۇ تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۆز ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ تېتىقسىزلىشىپ كېتەتتى. ئەگەمبەردى ئۇنى مەنسىتمەيدۇ، ئەمما ئۇنىغا ھەيران. ئىمتىھاندىن دەسلەپتە ھەر ئىككىلىسى ئۆتەلمىدى، دەرستە ياخشى بولسىمۇ ئىشەنچىنى يوقىتىپ ئىگەمبەردى ئېتىزغا قايتتى. ئەمما ئارمانچۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ نومۇرىنى باشقىلارنىڭ ئالماشتۇرۇۋالغانلىقىنى ھەممىلا يەردە سۆزلەپ يۈردى. دېگەندەك ئىككىنچى يىلى ئوقۇشقا كەتتى. ئۇنىڭ ئوقۇشقا ماڭغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىگەمبەردى ئىچىدە: «ئۆتكەندە سېنىڭ نومۇرۇڭ ئالماشمىغان، توغرىسىنى ئېيتقاندا بۇ قېتىم ئالماشقاندەك قىلىدۇ» دەپ كۈلۈپ قويدى.
ئىگەمبەردىنىڭ كاللىسىدا ئەمدى ھەممە نېمە ئايان بولۇشقا باشلىدى. ئۇ تەھرىرلەرنى قاپاقباش دەپ تىللاپ يۈرۈپتۇ. ئەسلىدە ئۇ سېپى ئۆزىدىن قاپاقباش ئىكەن ئەمەسمۇ. ئۇنىڭ ھېكايىلىرى مەكتەپتىكى «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» ژۇرنىلىدا بار ئىدى. ئۇ ژۇرناللار ئارماندا يوقما؟ ھەي ئارمان، ھەي ئارمان...
ئىگەمبەردى ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇيدىغان بولدى. دېمەك، مۇتەللىپ مۇئەللىم ئۇنى قايىل قىلغانىدى. مۇئەللىم بىر چەتتىن ئىگەمبەردىنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەملەشسە يەنە بىر تەرەپتىن ئارمان ئابلەت نامىدا ئېلان قىلىنغان ئىگەمبەردىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىشى ئۈچۈن پالاقشىدى. ئۇ ژۇرنالغا قارىتىپ خەت يازدى. خەتنىڭ جاۋابى كەلمەيلا ئۈرۈمچىگە بارىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئىش ئۈچۈن ئىگەمبەردى قەۋەتلا خۇش بولدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىسىغا ياخشى ئوقۇش ھەققىدە ۋەدە بېرىپ ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويدى.
مۇتەللىپ مۇئەللىم ئۈرۈمچىگە بېرىپلا تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەر ئارماننى چاقىرتتى. ئارمان ئىشىكتىن كىرىپلا داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ چېكى تومۇرلىرى كۆپۈپ يۈرىكى بىر شۇملۇقنى سەزگەنىدى. ئۇ مۇئەللىم بىلەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ كۆرۈشتى. شۇنىڭغا قارىغاندا ئوغرىلىق قىلىش بىر قورقۇنچلۇق ئىش بولسا، تۇتۇلۇپ قېلىش ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇق ئوخشايدۇ. بىچارە ئارمان پاكىت ئالدىدا لام-جىم دېيەلمىدى. مۇئەللىممۇ ئۇنىڭغا ئارتۇقچە گەپ-سۆز قىلماي چىقىپ كەتتى.
كېيىنكى ئايلىق ژۇرنالدا تۈزىتىش بېرىلىپ ھېكايە ئاپتورلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ خاتا بېسىلىپ قالغانلىقىنى، ئارمان ئابلەت ئەمەس، بەلكى ئىگەمبەردى ساۋۇت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئىش ئىگەمبەردىنى تازا خۇشال قىلدى. لېكىن ئارماننىڭ ژۇرنال يۈزىدە تەنقىدلەنمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانمايمۇ قالمىدى.
ئىگەمبەردى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ بولۇپ ئېتىزدا دادىسىغا ياردەملىشىپ ئىشلەپ بېرىۋاتتى. بىر كۈنى چىڭقى چۈشتە ئاتا-بالا ئىككىيلەن ئېتىز قىرىدىكى قېرى سۆگەتنىڭ ئاستىدا چاي ئىچىۋاتاتتى. ئىگەمبەردىنىڭ كۆزى بىردىنلا توپىلىق يولدا ۋېلىسىپىتىنى ئوقتەك ھەيدەپ كېلىۋاتقان بىرسىگە چۈشتى. «مۇتەللىپ مۇئەللىم!» ئىگەمبەردى ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ۋېلىسىپىتلىق ئادەمگە قاراپ يۈگۈردى. ساۋۇتئاخۇن ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماي قوللىرىنى سايىۋەن قىلىپ يولغا قارىدى. چاڭ-توزان ئىچىدە ئىككى گەۋدە قۇچاقلىشىۋالغانىدى. دېمەك مۇتەللىپ مۇئاللىم ئىگەمبەردىنىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوتكەنلىكى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى.
مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ھەربىي مەشىقمۇ تۈگەپ، ئوقۇش باشلانغىنىغا ئىككى ئايدىن ئېشىپ قالدى. مەكتەپتىكى قىزغىن ھايات ئۇنى تېزلا ئۆز قوينىغا ئالغانىدى. يېزىقچىلىقتىكى ئارتۇقچىلىقى ئۇنى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى چىقىرىۋاتقان ژۇرنالنىڭ تەھرىر بۆلۈمىگە ئېلىپ كىردى. مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش سەنئەت كېچىلىكىدە ئىگەمبەردى ئۆزى يازغان كۈلدۈرگىسى بىلەن ھەممەيلەننى تېلېقتۇرۇپ كۈلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە ئۇنىڭ نامى تېزلا پۇر كەتتى.
گۈزەل ئىلى ۋادىسىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھەر بىر كىشى ئويۇنغا ئامراق، چاقچاق خۇمار، چىقىشقاق، دوستانە مىجەزى بىلەن تېزلا باشقىلار بىلەن چىقىشىپ كېتەلەيدۇ. بىزنىڭ ئىگەمبەردىمۇ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، خۇش چاقچاقلىقى بىلەن ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا ھۆرمەت تاپتى. ئارمانمۇ ئۇنى بىرنەچچە قېتىم ئىزدەپ كەلدى. كەچۈرۈم سورىدى. ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى، ئىنتايىن خىجىل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ھەتتا ئۇنى ئاپىرىپ دادىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپمۇ كەلدى. «ئادەمنىڭ ئازمايدىغىنى بارمۇ، گەپ ئارماندەك خاتالىقىنى تونۇشىدا...» دەپ ئويلاتتى ئىگەمبەردى ھەر قېتىم شۇ ئىشلار خىيالىغا كەچكەندە. كېيىن ئىگەمبەردى ئۇ ئىشلارنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ كەتتى.
-مېنى تونۇمىدىڭىز ھە؟
【1】 【2】 【3】 【4】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر