باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2014-يىلى 2013-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولامدۇ(2)

2014.01.13 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۇقىرىقى تەرەققىياتلار دۇنياغا سۇرىيە كىرزىسىنى سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلغىلى بولىدىغاندەك تەسىرات بەردى. لېكىن، سىياسىي جەھەتتە ھەل قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۈپىتىدە، باشار ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ، تەختتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۈشۈشى كېرەك. بۇ ئامېرىكا، ياۋروپا تەشەببۇس قىلغان «سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپە»نىڭ يادرولۇق مەزمۇنى.

  سۇرىيە خىمىيىلىك قوراللارنى كۆيدۈرۈپمۇ ئامېرىكىنىڭ قۇرال ئىشلىتىش باھانىسىنى يوققا چىقىرالمىدى، پەقەت كەينىگە سۆرەپ تۇرالىدى، خالاس.

  ئامېرىكىنىڭ ۋاقتىنچە قۇرال ئىشلەتمەسلىكىدە مۇنداق ئۈچ سەۋەب بار. بىرىنچى، سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قۇراللارنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىنىشى ئامېرىكىنىڭ ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت جەھەتتە غەلبىگە ئېرىشكەنلىكى، شۇنداقلا كېيىنكى قۇرال ئىشلىتىشنى يوشۇرۇن خەۋپتىن ساقلاپ قالغانلىقتىن بولدى؛ ئىككىنچى، سۇرىيە ئارمىيەسى ئەسەبىي دىنى قۇراللىق كۈچلەر ۋە بازا تەشكىلاتى قاتارلىق تېرۇرچى تەشكىلاتلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى، ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ تالاپەتلىرىدىن خۇشال بولدى؛ ئۈچىنچى، ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ ئامېرىكا رازى بولىدىغان ھەم باشارنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان رەھبەرنى چىقىرىشى تەس بولماقتا.

  شۇڭا، باشار سايلامغا قاتناشسا ياكى غەلبە قىلىپ داۋاملىق پىرېزىدېنت بولسا، بۇ ئامېرىكىنىڭ قۇرال ئىشلىتىشىگە بانا بولىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

  ئۈچىنچى، ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇشتا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت.

  ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستاننىڭ «ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى» ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق ئافغانىستاندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كۈچ سىناشقاندىن كېيىن، ئاخىرقى ھېسابتا شەكىللەندى. ھەم خەلقئارالىق يىغىنىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتتى. لېكىن، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزايى كېلىشىمنى ئىمزالاشنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ئارمىيەنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرىدىغانلىقى ۋە ئافغانىستانغا بېرىلىدىغان ياردەمنى ئۈزىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كازرايىنى كېلىشىمنى تېزدىن ئىمزالاشقا دەۋەت قىلدى. كارزايى بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ھەرگىز ئافغانىستاننى قولدىن بەرمەيدۇ دېگەن خىيالدا تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئىگە بولۇش ئۈستىدە ئىزدەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتنى ساتقان خائىن دېگەن نامغا قېلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈسىتىدە ئىزدەندى،ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئاخىرىدا كېلىشىم ئىمزالاشنىڭ ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ، ئەگەر ئامېرىكا پۈتۈنلەي قوشۇن چېكىندۈرۈش پىلانىنى قوزغىسا، ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.

  ئافغانىستاندا 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئاستىدا، ئافغانىستاننىڭ پىلان بۇيىچە سايلام ئۆتكۈزۈش ئۆتكۈزەلمەسلىكى، سايلامنىڭ قالايمىقانچلىق پەيدا قىلىش قىلماسلىقى، كىمنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا غەلبە قىلىش-قىلماسلىقى نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىللارنىڭ تەسىردە بولۇپ قالدى، سايلام نەتىجىسى نۇرغۇن ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا مۇھتاج، بولمىسا ئۇ قالايمىقانچىلىقىنىڭ ئوت پىلتىسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئافغانىستان ساقچى ئەسكەرلىرى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەسئولىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى كەسكىن سىناققا دۇچ كېلىدۇ. ئافغانىستاندىكى تالىباننىڭ ئەمەلىي كۈچى ئاجىز بولۇپ، قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى كىچىك، لېكىن ئۇلارنىڭ دۆلەتنى قايتا قۇرۇشقا بولغان بۇزغۇنچىلىقىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر