باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2014-يىلى 2013-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولامدۇ(1)

2014.01.13 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى بىر يىلدا، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە قۇرال ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ ياكى يوقمۇ؟ ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنگەندىن كېيىن، ئافغانىستان ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ كېتەرمۇ؟ سىنودىن ۋەقەسى ئامېرىكىنى سەل ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ئۈندىدىمۇ؟ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللار ناھايىتىمۇ نۇرغۇن، بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا، 2014-يىلى 2013-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە ھەممەيلەن دېققەت قىلماقتا.

  بىرىنچى، ئامېرىكىنىڭ قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستىرادىگىيەسىدە قىيىنچىلىق زور.

  دۆلەت ئىچى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادىدا نورمال جانلىنىش بولۇۋاتىدۇ، لېكىن پۇل مۇئامىلە يوشۇرۇن كىرزىسىدىن قۇتۇلغىنى يوق. 2014 -يىلى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام يىلى، جۇمھۇرىيەتچىلەر، دېموكراتلار پارتىيەلىرى داۋاملىق كۈچ ئېلىشىدۇ. بۇنىڭغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ يەككىچىلىك ئىدىيەسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى قوشۇلۇپ، ئوباما دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرماي قالمايدۇ، يېڭى بىر يىلدا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى «قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى»نى يولغا قويۇش ماكانى چەكلىك.

  دىپلوماتىيە جەھەتتە، ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ھەرگىز بوشاشتۇرمايدۇ، چۈنكى، بۇ يەر-دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ماتورى، خەلقئارا بىخەتەرلىكىنىڭ تايىنىش نۇقتىسى. يېڭى ھەرىكەت مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى داۋاملىق كۈچەيتىش. ئىككىنچى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچەپ قوزغىتىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، چۈشۈش نۇقتىسىنى ياخشى مۆلچەرلەش، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا خىلمۇ خىل قۇرال جابدۇقلارنى سەپلەش، ئەسكىرى كۈچلەرنى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش. ئۈچىنچى، ئامېرىكا دوللىرى تۈزۈلمىسىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يىتەكچىلىك ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش. تۆتىنچى، قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

  ئىككىنچى، سۇرىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىشتا غەرب ئەللىرىنىڭ قۇرال ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ. 2014-يىلى، سۇرىيە ۋەزىيىتى ھەل قىلغۇچ يىلغا قەدەم قويدى. 2011-يىلى سۈرىيەدە قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى دەرھال ئارىلاشتى، مەقسىتى ئۆكتىچىلەرنى قوللاپ، باشار ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، ئىران بىلەن سۈرىيەنىڭ ئىستىرادىگىيىلىك ئىتتىپاقداشلىقىنى پاچاقلاپ تاشلاش بولدى.

  2013-يىلى 8-ئايدا «خىمىيىلىك قۇرال ئىشلىتىش ۋەقەسى» باشار ھاكىمىيىتىنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئامېرىكا، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۈرىيەگە قۇرال ئىشلىتىشنى قارار قىلدى ھەم ھەربىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. رۇسىيەنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتتە چىقارغان «خىمىيىلىك قۇرالغا تىنچلىقنى ئالماشتۇرۇش» تەشەببۇسى باشار ۋە ئامېرىكا، ياۋروپانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئىككىنچى قېتىملىق سۇرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە جەنۋە يىغىنى ئېچىپ، سۈرىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر