خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورېيە زوڭتوڭى پياۋ جىنخۇي 10-يانۋار چىڭۋاتەيدە پېڭبو ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: ئىلگىرى كورېيەلىكلەر دائىم ‹چۈشۈمدىمۇ كورېيە بىلەن چاۋشيەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى چۈشەيمەن› دېگەن ناخشىنى ئېيتاتتى. بىراق كورېيە-چاۋشيەن بۆلۈنمە ھالىتى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، بەزىلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشكە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولماي قالىدۇ. كورېيە-چاۋشيەننىڭ بىرلىككە كېلىشى كورېيە ئىقتىسادىنىڭ يەنە بىر قېتىم تېز يۈكسىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىدىغان ياخشى پۇرسەت.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى