باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2014-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىغا بومبا يوشۇرۇندى، ئامېرىكىنىڭ 3- ئىقتىسادىي پاخاللىقى زورايماقتا(1)

2014.01.16 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە «مۇتەخەسسلەر» ژۇرنىلىنىڭ 13- يانۋاردىكى سانىدا «كىرىزىستىن قۇتۇلۇش تەس» دېگەن ماۋزۇدا ماقالە ئېلان قىلىندى.

  2014-يىلىغا كىرگەندە دۇنيا ئىقتىسادى گەرچە پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن تامامەن قۇتۇلۇپ چىقمىغان ھەمدە داۋاملىق سۇسلاشقان بولسىمۇ، ئەمما دەسلەپكى قەدەمدە گۈللىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى. ئېھتىياتچان بولۇش، ئۈمىدۋار بولۇشنىڭ ئاساسىي مۈجمەل مۆلچەردىن ئىبارەت. يەنى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكى گۈللىنىشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما ھەممىسى مۇشۇنداق بولىۋەرمىدى. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، دۇنيا ئىقتىسادىدا مەبلەغ شىددەت بىلەن پاخاللاشقان 30 يىلدا يىغىلغان قۇرۇلما خاراكتېرلىك تەڭپۇڭسىزلىق تېخى تۈگىمىدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن يول ئېچىلمىدى، شۇڭا زور مۇمكىنچىلىك شۇكى- ئۇزاق مەزگىل توختاپ قېلىش، كىرىزىس ھەممىلا يەردە يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرۇش، قەرەللىك بومبا ھەر ۋاقىت پارتلىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكىدا: ئىشسىزلىق كۆپەيدى، زايوم شىددەت بىلەن كۆپەيدى

  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرىغا بولغان ئەندىشىسىنىڭ ئاساسىي يوق ئەمەس، ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ئەھۋالى سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ قېيىنى ئۇنىڭدىكى قۇرۇلما مەسىلىسى. بىر تەرەپتىن چوڭ شىركەتلەر ئەمگەك كۈچى بازىرىدا يېتەكچىلىك ئورۇنغا ئىگە، ئەمما ئۇنىڭ ئەھۋالى ئەمگەك كۈچى بازىرىغا ئوخشىمايدۇ، كارخانىلار بالدۇرلا گۈللىنىشكە باشلىدى ھەتتا كىرىزىستىن ئىلگىرىكى 2008-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشسىزلىق نىسبىتى خېلى يۇقىرى بولدى، ئەڭ ياخشىسى%4 تىن %5 كىچى بولىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئىشسىزلىق نىسبىتى %7 بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئۇزاق مۇددەت تۆۋەنلىدى.

  مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى ئون يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىش ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشى ئامېرىكىدا 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ئەڭ زور بىر قېتىملىق بولدى. بۇ قېتىمقى ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ سۇسلىشىشى 1948 –يىلىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى سانىنىڭ ئازىيىشى، 2001-يىلىدىكى كىرىزىس ئۇزاققىچە داۋاملىشىش ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى ھەمدە بۇ ئىككى قېتىملىق كىرىزىستىن ئېشىپ كەتتى. كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغىنى 2008-يىلىدىكى ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسىدىن كېيىن ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ئىپادىسى- سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كىرىزىسنىڭ ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزاردى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر