باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت 《ئارقا ھويلا》

2014.01.13 10:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە ‹‹ئاسىيا ئىقتىسادى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، كورېيەنىڭ مەلۇم بىر تور مۇنازىرىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت باھالىق ‹‹ئارقا ھويلا›› نامايان قىلىنغان بولۇپ، ‹‹قىممىتى 30 مىليارد ۋونلۇق ئارقا ھويلا›› دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ مۇنازىرە كورېيەلىك تورداشلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان. ئاشكارىلانغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ياپيېشىل چىملىقتا ئىنتايىن زامانىۋى بولغان بىر بىنا بولۇپ، سىز بۇنىڭ ئارقا ھويلىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق تەنتەربىيە سارىيى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيسىز.

  تەنتەربىيە سارىيىنى ئامېرىكىدىكى بىر قۇرۇلۇش شىركىتى ياسىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ تەنتەربىيە سارىيىنى ياساش ئۈچۈن 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (30 مىليارد ۋون) كەتكەن. بۇنىڭغا قارىتا كورىيەدىكى تورداشلار بەس-بەستە: توۋا، بۇنى مەن ھەرگىزمۇ سېتىۋالالمايمەن. قارىغاندا بىر ئۆمۈر مۇشۇ ئۆيۈمدە تۇرۇۋەرسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ. بۇنى ھەرگىزمۇ مېنىڭ قىز دوستۇم كۆرۈپ قالمىسۇن، بولمىسا مەندىن ئايرىلىپ كېتىدۇ›› دېيىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر