باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت ماشىنىلىرى ئىسلاھاتىدا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاندى(1)

2014.01.14 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز بۇلتۇر 11-ئايدا «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا قاتتىق تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى چىقىرىپ، ئاددىي ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاشكارا بىر تەرەپ قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە بىر قىسىم جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتى ماھىيەتلىك باسقۇچقا كىردى. ۋۇلياڭيې گۇرۇھى ۋە جياڭشى ئۆلكىسى شىنيۈ شەھىرى ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە كىم ئارتۇق قىلىپ ساتتى.

  ۋۇلياڭيې گۇرۇھى 11-يانۋاردىن تارتىپ، ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتتى، ئىككى كۈن ئىچىدە، گۇاڭدۇڭ، شاڭخەي، يۈننەن، شىزاڭ، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن سېتىۋالغۇچىلار كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتناشتى، كىم ئارتۇق تاپاۋىتى 14 مىليون 180 مىڭ يۈەنگە يەتتى. كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش 14-يانۋار ئاياغلىشىدۇ، نۆۋەتتە تېخى بىر مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ماشىنا كىم ئارتۇق قىلىشنى ساقلىماقتا.

  ئىگىلىنىشىچە، ۋۇلياڭيې گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتى سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتىدىن كېيىن، بۇ گۇرۇھ ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك ماشىنا، تۇرمۇش ماشىنىسى، ئالاھىدە ماشىنا ۋە ئاز ساندىكى كۈتۈۋېلىش ماشىنىسىنى ساقلاپ قالىدىكەن، ئومۇمىي سانى 200 ئەتراپىدا بولىدىكەن. ئوتتۇرا قاتلامدىن يۇقىرى كادىرلار ئىشلىتىدىغان ھۆكۈمەت ماشىنىسىنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنىدىكەن، ھەر ئايدا 800 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە قاتناش تولۇقلىمىسى بېرىلىدىكەن.

  ۋۇلياڭيې گۇرۇھىنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتىدا بۇندىن بۇرۇنقى ئۆلچەمدىن ئارتۇق ماشىنا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاشكارىلاندى، دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى ئاممىۋى باشقۇرۇش كافېدراسىنىڭ پىروفېسسورى، ئاممىۋى مەمۇرىيەت كافېدراسىنىڭ مۇدىرى جۇ لىجيا بۇ-دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتىدىكى بىر ياخشى باشلىنىش، ھەر ساھە بۇرۇنقى مەسئۇلىيىتىنى كۆپ سۈرۈشتۈرمەستىن، بەلكى بۇنىڭ ئىجابىي ئەھمىيىتىگە تېخىمۇ دىققەت قىلماقتا دەپ قارىدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر