باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2014-يىلى 2013-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولامدۇ(4)

2014.01.13 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6.غەربىي ئاسىيا شىمالىي ئافرىقا.

  ئېرىق، دىن، مەنپەئەت گۇرۇھى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كېلىشتۈرۈش تەس. جەنۇبىي سۇداندىكى يېڭى ھاكىمىيەت ئاجىز، ھوقۇق تۇتۇۋاتقان دىنكا مىللىتى بىلەن نوۋېل مىللىتىنىڭ ئارىسىدىكى ئىچكى توقۇنۇشنى تىنجىتىش تەس، كرىزىسنىڭ گەرچە قىسقا مەزگىللىك ياخشىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ، لېكىن زىددىيەتنى نېگىزىدىن ھەل قىلىش تەس، داۋالغۇشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈپتىن يوقىتىشمۇ تەس. مىسىردا «ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلابتىن كېيىن» ئارمىيە دائىرىلىرى ۋەزىيەتنى كونترول قىلدى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ جاكارلانغاندىن كېيىن بولدى قىلماي، كۈچ تەشكىللەپ، يەنە ئېلىشىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتمەكتە، مىسىردا داۋالغۇش ۋە مالىمانچىلىقنى قىسقا مەزگىلدە ئوڭشىغىلى بولمايدۇ. مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ئالاقىسى قويۇق بولغان تۈركىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ناۋادا زىيادە دىنلاشتۇرۇلغان سىياسەتنى داۋاملىق يولغا قويىدىغان بولسا، دۆلەت ئىچىدە يەنە قالايمىقانچىلىق كۆتۈرۈلىدۇ. يەمەن، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى تەسكە توختايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش مۇساپىسى زوراۋانلىق ۋە قالايمىقانچىلىقتا قالىدۇ.

  2014-يىلى تېررورلۇق كۈچلىرى غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونىدا رايوندىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ كۈچەيدى. «نىگېرىيەدىكى بوركا مۇقەددەس يېرى»، «ئىسلام مەغرىب بازا تەشكىلاتى»، «سومالى ياشلار پارتىيىسى» قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونىنى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېڭى لاگېرغا ئايلاندۇردى. بازا تەشكىلاتى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلىرىگە سىڭىپ كىرىپ ۋە ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى، كېنىيە، نىگېرىيە، لىۋىيە، يەمەن، مالى، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى يەنىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن.

  7. چاۋشيەن يېرىم ئارىلى

  رايون ۋەزىيىتى يەنىلا قاتمال ھالەتتە تۇرغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، چاۋشيەن بىلەن كورىيەنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارشى تەرەپكە جانلىقلىقنى ئىپادىلىشى تەس، يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئېغىر قارشىلىشىشنى پەسەيتىشى تېخىمۇ تەس. 2013-يىلىدىكى ئەھۋالدىن قارايدىغان بولساق، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىي ۋەزىيىتىدە ئېنىقسىزلىق ئامىلى كېلىپ چىقتى، بۇ دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە قارشى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن: كورىيە پىرېزىدېنتى پاكگۇنھېنى قوللاش نىسبىتى ئۇ تەختىكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 70 پىرسەنتتىن ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى 40 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى، بۇنىڭدىكى بىۋاسىتە سەۋەب شۇكى ئۇ ئىقتىسادى ئىسلاھات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. بەزى تەھلىلچىلەر: بۇ 2014-يىلى كورىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ بېسىمىنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن، چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسىتىنى يەنىمۇ قىسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىدى. مەيلى كورىيە بۇ سەۋەبلىك ۋەزىيەتكە خاتا ھۆكۈم قىلىپ سىياسەتنىڭ يۆنىلىشىنى تەڭشىسۇن، ۋەياكى چاۋشيەن ۋەزىيەتنىڭ يەنە زەربىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇھىم نۇقتىنى سىرتقا قاراتسۇن، ھەممىسى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە قايتىدىن سۈركىلىش پەيدا قىلىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر