باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياساش شىركەتلىرى جۇڭگودىن چىقىپ كەتسە ياخشى كۈن يوق

2014.01.14 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا «سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ 9-يانۋاردىكى ماقالىسى، ئەسلى تېمىسى «بىر قىسىم ياساش شىركەتلىرى جۇڭگودىن چىقىپ كەتتى، ئەمما باشقا دۆلەتلەردىكى تەننەرخنىڭمۇ ئۆرلەۋاتقانلىقىنى بايقىدى»

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەمگەكچىلەر تەننەرخىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن، بىر قىسىم ياساش كارخانىلىرى جۇڭگودىن چىقىپ كېتىپ، ئەمگەك كۈچى تېخىمۇ ئەرزان بولغان بېنگال، ھىندونېزىيە، ۋېيېتنام، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەردە زاۋۇت قۇردى. ۋەھالەنكى، بۇنداق كۆچۈش ئوڭاي ئەمەس، شۇنداقلا ئۇزۇن مۇددەت تەننەرخ تېجىيەلمەيدۇ.

  «ئۇلار ياساش كەسپىنى (جۇڭگودىن) كۆچۈرۈپ چىقىپ كېتىشتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي خەۋپ- خەتەرگە ئاسانلا سەل قاراپ قالىدۇ.» دېدى جۇڭگو بازار تەتقىقات گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى لېي شياۋشەن، «پۈتۈن ئاسىيادىكى ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى ھوقۇق- مەنپەئەت، تېخىمۇ يۇقىرى ئىش ھەققى ۋە خىزمەت مۇھىتى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، بۇ دۆلەتلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئىككى- ئۈچ ھەسسە ئۆرلەيدۇ.»

  «ئاسىيا ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى بىرلەشمىسى» نىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى باتتاچاگى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىشچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۆلچىمى ۋە كۈتىدىغان ئۈمىدى ئۆسكەنگە ئوخشاش، ئاسىيادىكى باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئىشچىلارمۇ تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپنى قويماقتا، بۇ ئەھۋال رايونلۇق يۈزلىنىشكە ئايلانماقتا. ئۆتكەن ھەپتە، كامبودژا ھەربىيلىرى ۋە ساقچى تەرەپ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ ئىش تاشلىغان ئىشچىلارغا ئوق چىقاردى. بۇ دۆلەتتىكى ئىشچىلار كەلگۈسىدىن قايمۇقۇپ قېلىۋاتقان چاغدا، زاۋۇتنىڭ ئىگىلىرىمۇ نارازىلىق پائالىيىتىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ كىيىم- كېچەك كەسپىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ئەمگەك تەننەرخى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كېتەرمۇ، كامبودژا تىجارەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان مۇقىم دۆلەتمۇ دېگەن ئىشلار ئۈستىدە باش قاتۇرماقتا.

  زاۋۇتقا تولغان شېنجېن شەھىرىدە، ھازىرقى تەخمىنەن 300 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى 2008-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك چىقىدۇ. ئەمما جۇڭگودىن ئايرىلغان ياساش شىركەتلىرىگە نىسبەتەن، كامبودژا بىردىنبىر خىرىس ئەمەس. بۇلتۇر 10- ئايدا، 100 مىڭدىن ئارتۇق ھىندونېزىيەلىك ئىشچى ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىش تاشلىدى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن زاۋۇتلار تاقىلىشقا ياكى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاشقا مەجبۇر بولدى؛ بۇلتۇر تايلاندتا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە مەسىلىسىنى تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىشقا ياخشى تەييارلىق قىلمىغانلىقى گەۋدىلەندى.

  جۇڭگودا تىجارەت قىلغانغا سېلىشتۇرغاندا، ۋېيېتنام ۋە سرىلانكا قاتارلىق جايلاردىكى ياساش شىركەتلىرى ئۇ جايلاردىكى ئىشچىلارنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن خىزمەت ئۈنۈمى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى بولغان خاتالىق سادىر بولۇش نىسبىتىدىن ئاغرىنماقتا. بۇنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، جۇڭگودىن يۆتكىلىپ كېتىشتىن تېجەپ قېلىنغان تەننەرخنى ساقلاپ قېلىشقا ئىمكانىيەت بولمايۋاتىدۇ.

  لوڭجۇ ئىقتىسادتىن مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى تام مىللىر مۇنداق دېدى: جۇڭگودىن ئېكسپورت قىلغان پۇل قىسلىقى ئىلگىرى غەربتىكى ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ ئەرزان باھا ئېلىپ كەلگەنىدى. ئەمما ياساش كارخانىلىرىنىڭ ئورۇنباسار ئىزدەش جەريانىدا نۇرغۇن خەۋپ- خەتەرنى بايقىشىغا ئەگىشىپ، بۇنداق دەۋر ئاخىرلاشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر