باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2014-يىلى 2013-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولامدۇ(5)

2014.01.13 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8.پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، 2013-يىلى 7-ئايدا ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلىشىغا تۈرتكە بولدى، 9 ئاي ئىچىدە ئاخىرىقى كېلىشىم ھال قىلىشنى پىلانلىدى. ئىچكى ۋە سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى سۆھبەت مەخپىي ھالدا ئۆكتۈزۈلدى. خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ 2014-يىلى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرىشىدىكى سەۋەب: كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان سۈرىيە ۋە ئىراق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىنچلىق سۆھبىتىدىن پايدىلىنىپ كەيپىيات يارىتىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. لېكىن ئامېرىكا بىلەن ئىراقنىڭ يارىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى ئىسرائىلىيەنى تەۋرەتتى، ئىسرائىلىيە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى يەنە بۇزۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، پەلەسىن بىلەن ئىسرائىلىيە كەلگۈسىدە مەلۇم بىر خىل كېلىشىم ھاسىل قىلسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ قارشى تۇرىشى بىلەن يامان ئاقىۋەتتىن قۇتۇلالماسلىقى مۇمكىن.

  پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ زىدىيىتى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتى، ھازىر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ رېئال ئاساس يوقىلىۋاتىدۇ. بىرىنچىدىن، ئىسرائىلىيە نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشتىن كېيىن كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى، ئۇلار دۆلەتنىڭ يەھۇدىيلار مەسىلىسى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە پەلەستىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەندەك قىلسىمۇ، پەلەستىننىڭ دۆلەت ئىقتىدارىنى ئاجىزلاتماقچى بولدى. ئىككىنچىدىن، خاماس غەززا رايونىنى قوراللىق تارتىۋالغاندىن كېيىن، پەلەستىن دۆلەت قۇرالمايلا قالماستىن بەلكى پارچىلىنىپ كەتتى، بىرلىككە كېلىشتىن ئىبارەت مىللەتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى مەۋجۇت بولمىدى، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئەسلىدىكى مەزمۇنىنى يوقىتىپ قويدى. ئۈچۈنچىدىن، ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتقان، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كامچىل بولىۋاتقان ئەھۋالدا، تىنچلىق سۆھبىتىدە نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەم ئۇزاققا داۋاملىشىدىغان سىرتقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشى شەرت، لېكىن تىنچلىق تېرىسىگە ئورىنىۋالغان ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى بىر ياققا قايرىپ قويدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر