باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2014-يىلى 2013-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولامدۇ(3)

2014.01.13 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4 . ئۇكرائىنا.

  2013-يىلى 21-نويابىر، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىلەشكۈچى دۆلەتلەر كېلىشىمى ئىمزالاشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى تۇيۇقسىز جاكارلىدى بۇنىڭ بىلەن ئۇكرائىنادا كەڭ كۆلەملىك نامايىش پارتلاپ، 2004-يىلىدىكى ئۇكرائىنا «ئاپېلسىن رەڭلىك ئىنقىلاب»دىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر سىياسىي كرىزىس كېلىپ چىقتى.

  بۇ كرىزىس ئۇكرائىنانىڭ سىياسىيسىدىكى چوڭقۇر زىددىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ قالماستىن، رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنادىكى شىددەتلىك جۇغراپىيىۋى سىياسىي تىركىشىشنى باشلىۋەتتى. ئۇكرائىنا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىش مۇساپىسىنى ۋاقتىنچە توختاتتى، رۇسىيە بۇ مەيدان تىركىشىشتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ لېكىن پۈتۈنلەي غەلىبە قىلالمىدى.

  رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ جۇغراپىيىلىك ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۇكرائىنا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇكرائىنادا سىياسىي كرىزىسىنىڭ داۋاملىق يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنادىكى تىركىشىشى پۇل دىپلوماتىيىسى باسقۇچىغا كىردى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 2014-يىلى ئۇكرائىناغا 88 مىليون ياۋرو خامچوتنى قوللاش مەبلىغى ياردىمى بېرىشنى پىلانلىدى. رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ تەبىئىي گازىنىڭ باھاسىنى ئۈچتىن بىر قىسىم تۆۋەنلىتىشنى ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زايومىنىنى سېتىۋېلىشنى جاكارلىدى.

  نۆۋەتتە ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادى كاساتلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويغان مەبلەغ ئىلتىماسىنى قاندۇرالىشى تەس. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى مەبلەغ جەھەتتە زور قوللىشى ئالدىدا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 2014-يىلى ۋەزىيەتنى زور دەرىجىدە ئوڭشىيالىشى ئېنىق ئەمەس. مۇرەككەپ ئىچكى سىياسىي ۋەزىيەتكە قارىتا، ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي كرىزىستىن قانداق قۇتۇلالىشى رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنادىكى تىركىشىشىنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالدى.

  5.ئەتراپتىكى دېڭىز مەسىلىسى

  2013-يىلى جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ئوكيان ۋەزىيىتىدە «شەرق جىددىيلىشىش، جەنۇب مۇقىم بولۇش» ھالىتى كۆرۈلدى، 2014-يىلىدىكى دېڭىز ۋەزىيىتى بۇ ھالەت داۋام قىلىشى مۇمكىن.

  2014-يىلى، ئابى شىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىقتىسادتىن بىخەتەرلىك كاپالىتى قارالمىسىغا ئۆزگىرىشى، شەرقىي دېڭىزدا جىددىيلىك پەيدا قىلىش ئارقىلىق، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئارمىيەنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشتىن ۋاز كەچمەسلىكى مۇمكىن. ئابى شىنزو «جۇڭگو-ياپونىيە بىرلىشىپ دىياۋيۈ ئارىلىنى باشقۇرۇش»نى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بەزى سىياسىيونلار جۇڭگونىڭ شەرقى دېڭىز نېفىتلىكىنى ئېچىش ھەرىكىتىنى خەلقئارانىڭ كېسىم چىقىرىشىغا سۇنىمىز دەپ جار سالدى، يەنە تېخى « شەرقىي دېڭىز ھاۋا موداپىيە پەرق رايونى»نىڭ كېيىنكى ئۈنۈمى داۋاملىق كۆرۈلدى، ئابى شىنزو ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىپ جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتىگە يېڭىدىن توسالغۇ پەيدا قىلدى. جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قىسقا ۋاقىتتا ياخشىلىنىش مۇمكىنچىلىكى يەنىمۇ تۆۋەنلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇش پەيدا قىلىش نىيىتى بولمىسىمۇ لېكىن تۇتۇشۇپ قېلىش خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت.

  جەنۇبىي دېڭىز ھەمكارلىقى كۈچىيىش ھالىتىدە تۇرماقتا، ئىمزالانغان كېلىشىم ئەمەلىيلىشىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. « 21-ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولى» تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنغا ئىگە بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دېڭىز ھەمكارلىق فوندىنى تەپسىلىلاشتۇرۇش لايىھىسىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدىن ئۈمىد بار، «جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت مىزانى»نى كېڭىشىش مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئەلۋەتتە جەنۇبىي دېڭىزدا يەنە تالاش تارتىش بولىدۇ، لېكىن چوڭ دولقۇن كۆتۈرۈلمەيدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر