باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ تايىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تىرەك بولۇش كېرەك

2014.01.14 14:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – يانۋار تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 13 – يانۋار چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە رەڭ راۋاقتا ئامېرىكا ‹‹ئىلىم – پەن›› ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى مىك نۇت بىلەن كۆرۈشۈپ، پەن – تېخنىكا، ئالەم قاتنىشى، مائارىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مەسىلىلەردە سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىلىم – پەنگە، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش – جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. بۈگۈنكى دەۋردە پەن – تېخنىكا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ‹‹ئىلىم – پەن›› ژۇرنىلىنىڭ جۇڭگونىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاپ، ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگو پەن – تېخنىكا ساھەسىنىڭ ساداسىنى پائال تارقىتىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ پەن تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشىنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مىك نۇت: جۇڭگو ئىلىم – پەنگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چەت ئەللەر بىلەن ئىلىم – پەن ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىدى. بۇ، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. ‹‹ئىلىم – پەن›› ژۇرنىلى جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر