باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئىلمىي پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خوتەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى

2014.01.14 16:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز مۇھەممەد نىياز خەۋەر قىلىدۇ: بېيجىڭ شەھىرى ئىلمىي پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىگە ساھەلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى. خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى چالۋاش كەنتىدىكى ئولتۇراق نۇقتىسى، لوپ ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئۈلگە رايونى، خوتەن شەھىرىدىكى «پايتەخت گۈللۈكى» ئولتۇراق رايونى بىلەن «بېيجىڭ» دوختۇرخانىسى، بېيجىڭ - خوتەن سانائەت رايونى قاتارلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى.

  بېيجىڭ شەھىرى تۆت يىلدىن بۇيان 870 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، خوتەن شەھىرى، خوتەن، قاراقاش، لوپ ناھىيەلىرىدىكى 87 مىڭ ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئەمىن ئۆي سېلىشىغا ياردەم بەردى؛ 690 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سەككىز كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىپ، 3299 يۈرۈش ئۆي سېلىپ بەردى؛ لوپ ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئۈلگە رايونىغا ئىككى يىلدا 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سۇ تېجەيدىغان تۈرلەرنى يولغا قويدى.

  خوتەن ۋىلايىتىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ساھەلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى 4 مىليارد 820 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 338 تۈرنى يولغا قويدى، ھازىرغىچە 256 تۈر پۈتتى، بۇ تۈردىن 1 مىليون 300 مىڭ ئادەم نەپكە ئېرىشتى. ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر، ھەر مىللەت ئاممىنى خۇش قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر