باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاندا ئاياللارنىڭ قوغدىنىش تاپانچىسى ياسىلىپ، نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالدى

2014.01.15 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستاندىكى بىر ياراغ زاۋۇتى ئاياللارنىڭ قوغدىنىش تاپانچىسى ياساپ، نامىنى نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغانلىقتىن، 12-يانۋار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى.

  «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 10-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىل تېتان قېتىشما قاپلىق تاپانچا ئېغىزىنىڭ دېئامىتىرى تەخمىنەن 8.1 مىللىمېتىر بولۇپ، پورتمان ياكى قول سومكىسىغا سېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ، بۇ تاپانچا مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 1976 دوللار.

  ھىندىستان ياراغ زاۋۇتى 20 زاكاز تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، باش دېرىكتور خامىدنىڭ دېيىشىچە «بۇنىڭ 80 پېرسەنتىنى ئاز دېگەندىمۇ ئاياللار بۇيرۇتقان. ئويلىغاندەكلا بۇ تاپانچا يامان ئەمەس تەسىر قوزغىدى». ئۇ يەنە زاۋۇتنىڭ تېخىمۇ كۆپ زاكاز تاپشۇرۇۋېلىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى ئېيتتى.

  بۇ تاپانچىنىڭ نامى نىئېربۇخېيكې بولۇپ، ھىندى تىلىدا «جاسارەت» دېگەنلىك بولىدۇ. ھىندىستان ياراغ زاۋۇتى بۇ ئارقىلىق 2012-يىلى ئاپتوبۇستا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىدا ئۆلگەن قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى خاتىرىلىمەكچى بولغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر