خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-يانۋار، ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى نېيگەيفۇ رايونىدىكى شىكامور دېھقانچىلىق مەيدانىدا، ئىسرائىلىيە زوڭلىسى نىتانىياخۇ شاروننىڭ قەبرىسى ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرماقتا. شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە 11-يانۋار ئالەمدىن ئۆتكەن سابىق زوڭلى شارون ئۈچۈن دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئېرۇسالىمدا دۆلەت ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئارمىيە تەرەپ شاروننىڭ مېيىت تاۋۇتىنى جەنۇبىي قىسىمدىكى نېيگەيفۇ رايونىدىكى شارون جەمەتىنىڭ شىكامور دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئادىتى بويىچە دەپنە قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر