باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2014-يىلى 2013-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولامدۇ(6)

2014.01.13 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9.ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى

  10 يىللىق جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، خەلقئارادىكى ئالتە تەرەپ بىلەن ئىران 2013-يىلى 24-نويابىر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىم بولغان «ئورتاق ھەرىكەت پىلانى»نى ھاسىل قىلدى. جەنۋە كېلىشىمى قوپال سىياسىي كېلىشىم، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسىلىرى كونكرېت يولغا قويۇش قائىدىسى تۈزگەندىن كېيىن ئاندىن يولغا قويۇلىدۇ. كەسكىن تالاش-تارتىشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى قىيىنغا چۈشمەسلىكى مۇمكىن.

  جەنۋە كېلىشىمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تىنچ ھەل قىلىش كۈن تەرتىپكە قويۇلدى. كەلگۈسى يېرىم يىل ياكى بىر يىلدا، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلالىشى تەس، ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىدىمۇ ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەر بولمايدۇ.

  بىرىنچىدىن، رۇھانىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى يېقىندا ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىدە ئىجابىي ھەرىكەتلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىنى دۈشمەن بىلىدىغان، بىر-بىرگە ئىشەنمەيدىغان ھالەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتەلمىدى. ئىككىنچىدىن، ئۇلار كۈچلۈك قارشى تۇرغۇچىلارغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىرانغا قارشى تۇرۇغۇچىلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالاش لايىھەسىنى ماقۇللاش ئارقىلىق ئوباما بىلەن ئىراننىڭ سۆھبەتلىشىش يولىنى توسىماقچى بولدى. ئۈچىنچىندىن، ئامېرىكا شۇ رايوندىكى ئاساسلىق ئىتتىپاقداشلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. بۇ ئىككى دۆلەت ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن ئۆزىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلدى. شۇڭا ئىككى دۆلەت بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ يېقىنلىشىشىنى توسىدى. تۆتىنچىدىن، ئىران ئۇران قۇيۇلدۇرۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئىراننىڭ جەنۋە كېلىشىمى ئاساسىدا يەنە ماھىيەتلىك يول قويۇشى تەس. ئوبامانىڭمۇ ئىرانغا يۈرگۈزگەن جازانى پۈتۈنلەي بېكار قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

  10.تور بىخەتەرلىكى

  سىنوۋدېن بىر يىللىق پاناھلىنىش ھوقۇقى بىلەن رۇسىيەدە 2014-يىلى 31-ئىيۇلغىچە تۇرالايدۇ. مۇددەت توشۇشتىن بۇرۇن يەنە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ مۇددەت توشقاندىن كېيىن سىنوۋدېن نەگە بېرىپ نەدە تۇرىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرچە بىر سىر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان مەخپىيەتلىكلەر سىنوۋدېننىڭ قولىدىكى ماتېرىياللارنىڭ %1ىنى ئىگەللەيدىكەن. سىنوۋدېننىڭ تەقدىرى 2014-يىلدىكى تور بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

  تور بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتىكى خەلقئارالىق رىقابەت داۋاملاشماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە قائىدە رىقابىتى 2014-يىلدىكى خەلقئارالىق رىقابەتتىكى مۇھىم نۇقتا بولىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر