باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قورغاس دۆلىتىمىزنى غەربكە ئېچىۋېتىشتە يول ئېچىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى(1)

2014.01.13 15:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ‹يىپەك يولى› ئىقتىساد بەلبېغىدىكى رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ دەسلەپكى ھالىتىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى كەلگۈسىدە شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىدىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ بىز 2013-يىلى 20 ـ دېكابىر قورغاستا زىيارەت قىلىۋاتقاندا ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان بىر سۆز بولۇپ قالدى.

  2012ـ يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بويىچە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن دۆلىتىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن قاتناش، سودىنى قولايلىقلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزدى. دۆلىتىمىزدە شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەت جەھەتتە بولسۇن، ياكى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە بولسۇن، قورغاس تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى كۈتۈۋالدى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنى غەربكە ئېچىۋېتىشتە يول ئېچىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

  2010ـ يىلى مايدا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، قورغاسنىڭ تەرەققىيات ئوربېتىسى ئۆزگەردى. مەركەز قورغاسنى ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قىلىپ قۇرۇپ، ئۇنى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نۇقتىسى ۋە دۆلەتنى غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ قورغىنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدى.

  قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە تايىنىپ، جۇڭگو ـ قازاقىستان قورغاس چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى (تۆۋەندە ھەمكارلىق مەركىزى، دەپ قىسقارتىلدى) قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن قۇرغان تۇنجى چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە قۇرۇلغان رايون ھەمكارلىقىدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ھەمدە دۇنيادىكى تۇنجى چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى. ھازىر دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مەركىزىگە بەرگەن ئېتىبار سىياسەتلىرى ۋە قورغاس پورتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى جەلپ قىلىشقا باشلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر