باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تېخنىكا ۋە سودا خادىملىرىنى رۇسىيەگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىش ئۇقتۇرۇشى

2014.01.13 13:42         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-تۈركۈمدىكى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىساد-سودا خادىملىرىنى رۇسىيەگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

  ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا:

  ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكا ۋە سودا-ئىقتىساد خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ رۇس تىلى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تېخنىكا ، ئىقتىساد ، سودا ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، ئاپتونوم رايون 20 نەپەر رۇس تىلى تەرجىمانلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىمنى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى سىبىرىيە فېدېراتسىيە رايونىغا بىر يىللىق رۇس تىلىنى كۈچەيتىش بويىچە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىشنى قارار قىلدى . ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

  1. تەربىيەلەش ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسى ۋە تاللاش شەرتلىرى

  (1) تەربىيەلەش ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسى

  ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى كەسىپلەردە رۇس تىلى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار . (پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد-سودا تارماقلىرىدىكى خادىملار باراۋەر شەرت ئاستىدا ئالدىن ئويلىشىلىدۇ )

  (2) تاللاش ئوبيېكىتلىرى ھازىرلايدىغان شەرتلەر:

  1) سوتسىيالىستىك دۆلەتنى قىزغىن سۆيۈشى ، ياخشى ئىدىيەگە ۋە كەسپىي ساپاغا ئىگە بولۇشى ، ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ ، ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ، مەسئۇل بولىدىغان ئېسىل ئەخلاققا ئىگە بولۇشى كېرەك .

  2) ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشى ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى سىبىرىيە فېدېراتسىيە رايونىدىكى بىر يىللىق جىددىي ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشقا ماسلىشالايدىغان بولۇشى ، رۇس تىلى ئۇنىۋېرسال تاللاش ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى ، يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك .

  3) رۇس تىلىدا ئاڭلاش ، سۆزلەش ، ئوقۇش ، يېزىش بويىچە نىسبەتەن يۇقىرى ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك .

  4) تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ، ئىككى يىلدىن يۇقىرى خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك .

  2. تەربىيەلەش خادىملىرىنى تاللاش ئۇسۇلى

  تەربىيەلەش خادىملىرىنى تاللاشتا ‹‹شەخسلەر ئىلتىماس قىلىش ، ئورۇن تەۋسىيە قىلىش ، مۇتەخەسسسىلەر باھالاش ، باراۋەر رىقابەتلىشىش ، ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش ، توختاملىشىپ ئەۋەتىش›› پىرىنسىپى قوللىنىلىدۇ.

  ئىلتىماس قىلىش ۋە دەسلەپكى تەكشۈرۈش : پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى قوبۇل قىلىپ ، شەخسلەر ئىلتىماس قىلىشى ، ئورۇنلارنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى تاشقى ھەمكارلىق باشقارمىسى دەسلەپكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش مەزمۇنى ئىلتىماس قىلغۇچى بەلگىلەنگەن ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرىگە ماس كېلەمدۇ-كەلمەمدۇ ؟ ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى راستمۇ-يالغانمۇ ؟ تولۇق بولدىمۇ-بولمىدىمۇ؟ جەدۋەل تولدۇرۇش تولۇق ، توغرا بولدىمۇ-يوق ؟ دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .ئىلتىماس قىلغۇچىلار تىزىملاتقان ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

  1) ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىساد-سودا خادىملىرى رۇس تىلى يۇقىرى دەرىجە تەربىيەلەش سىنىپىغا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى ››؛

  2) كىملىك ، ئۇنۋان كىنىشكىسى ، ئەڭ يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ، ئۇنۋان كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى؛

  3) تەقدىرنامىلىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ؛

  4) چەت ئەل تىللىرى سەۋىيە ئىسپاتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى؛

  5) ئورۇنلارنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى ؛

  6) ھەربىر ئادەمنىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ھەققى 200 يۈەن ؛

  ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى : 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە

  ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى قوبۇل قىلىش ئورنىنىڭ ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ يولى 40-نومۇر، قوشۇمچە 8-نومۇر

  پوچتا نومۇرى: 830011

  تېلېفون نومۇرى: 3844304-0991

  فاكس نومۇرى: 3844304-0991

  ئېلخەت ئادرېسى: E-mil:leizi7222@hotmail.com

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى

  2014-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر