خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-يانۋار شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى 4-نۆۋەتلىك شۇنداقلا باغراش كۆلى 7-نۆۋەتلىك قار ـ مۇز بايرىمى داخېكو مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك قار ـ مۇز بايرىمى پائالىيىتىدە ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى كىشىلەرنى جەلپ قىلدى.ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى شىنجاڭدىكى موڭغۇل، قازاق، ئۇيغۇر مىللەتلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، كۆپ ھاللاردا بايرام ياكى تويغا ئوخشاش خۇشاللىق كۈنلەرە بەخت تىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى.
مەنبە: خەلق تورى