باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە دەرسلىك قوللانمىسىدا دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلىدى

2014.01.14 10:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە كىيوتو ئاگېنتلىقى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە دەرسلىك قوللانمىسىغا دىياۋيۈ ئارىلى ۋە دوكدو ئارىلىنى قەدىمدىن تارتىپ بىزنىڭ زېمىنىمىز دەپ يازماقچى بولغان. 11-يانۋار ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيە پەن مەدەنىيەت ۋازارىتى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسلىك قوللانمىسىدا « ئۆگىنىش يېتەكچى پروگراممىسى ئىزاھاتى»دا دوكدو ئارىلى بىلەن دياۋيۈ ئارىلىنى ياپونىيىنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان زېمىنى دەپ يېزىشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ. بۇ تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان ئابى شىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددىئاسى، لېكىن بۇ ھەرىكەت ياپونىيەنىڭ جۇڭگو ۋە كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇقەررەر يەنىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بەزىلەر بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئوتتۇرغا قويدى.

  جۇڭگو دىياۋيۈ ئارىلىغا ئىگىلىك ھوقۇقىمىز بار دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى ھەمدە ياپونىيە قانداق ۋاسىتە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنسىز مەيدانىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، دياۋيۈ ئارىلىنىڭ جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ دەپ كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر