باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەن تېخنىكا مۇكاپاتىدىكى بەش چوڭ «ئاچقۇچلۇق سۆزدىن» ئېلىمىزنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا نەزەر(1)

2014.01.13 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى پەن تېخنىكا ساھەسىدىكى كاتتا ئىش، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ پەن تېخنىكا تەرەققىيات سەۋىيەسىنى سىناش. بۇ يىلقى مۇكاپات نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق، تۆۋەندىكى بەش چوڭ ئاچقۇچلۇق سۆز ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.

  1-ئاچقۇچلۇق سۆز: ياشلىشىش- ئوتتۇرا ياش، ياش ئىختىساسلىقلار ئېلىمىزنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانماقتا. سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرلەرنى ئاساسلىق تاماملىغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 46.6 ياشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تەبئىي پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 45.9 ياش، تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ 45.7 ياش، پەن تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ 47 ياش. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ياش پەن تېخنىكا ئىقتىساسلىقلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتى ئىشخانىسى 2013-يىلى تۇنجى قېتىم مەخسۇس 40 ياشتىن تۆۋەن ياش ئالىملار رىياسەتچىلىك قىلىپ تاماملىغان ئاساسىي تەتقىقات تۈرلىرىنى مۇتەخەسسلەر كۆرسىتىش يوللىرىنى ئاچقان. مەسىلەن تەبئى پەن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرنى تاماملىغان 1-تاماملىغۇچى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى شى جاڭجې بۇ يىل 39 ياشتا بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىدىكى ئەڭ ياشلىرى 27 ياشتا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 34.4 ياشتا.

  2-ئاچقۇچلۇق سۆز: كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش- بۇ يىل پەن تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈر ئىچىدە كارخانىلار باشلامچى بولۇپ ياكى قاتناشقۇچى ئورۇن سۈپىتىدە تاماملىغان تۈر %75.9 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىلار باشلامچى بولۇپ تاماملىغان تۈر %35.8 نى ئىگىلەيدۇ. دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلقى پەن تېخنىكا مۇكاپاتى كارخانىلارنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېتەكچىلىك كۈچىنى ئاشۇردى، ھەر خىل مۇھىم ئامىللارنى كارخانىغا مۇجەسسەملەشكە پائال يېتەكلەپ، پەن تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئون ئۈچ تۈرنىڭ 6 سىنى كارخانىلار باشلامچى بولۇپ تاماملىغان، مەسىلەن خۇنەن ئۆلكىلىك ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ «ئېلېكتىر تورىدا چوڭ دائىرىدىكى مۇز تۇتۇش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە يۈرۈشلۈك جابدۇقلىرى»، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ «قىرغاقتىن يىراق چوڭقۇر سۇ پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىش» قاتارلىق پەن تېخنىكا تەرەققىياتى 1-دەرىجىلىك مۇكاپات تۈرى ئالاقىدار ساھەلەردە مۇھىم تۈۋرۈكلۈك رول ئوينىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر