ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى : 1- ئاينىڭ 7- كۈنى شىنجاڭ دالا ئاپتوموبىل مۇسابىقە چوڭ ئەترىتى كۇچا ئوتتۇرا ئەترىتى ھەر خىل مۇرەككەپ يەر شەكلىگە ئېگە تۇزلۇق ئېقىن جىلغىسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك دالا ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، ئاقسۇ، بايىنغۇلىن، قەشقەر ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 60 تىن ئارتۇق دالا ئاپتوموبىل ماھىرى مۇسابىقىگە قاتناشتى، مۇسابىقىدە قاتتىق ئېلىشىپ يۇقىرىغا ئۆرلەش روھى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق قارىشى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى، شۇ كۈنى يەنە دالا ئاپتوموبىلى مۇسابىقىسىدىن باشقا ئاپتوموبىل ۋە موتىسىكىلىتتا ئېگىزلىكتىن چۈشۈش ماھارىتى بويىچە ئويۇن كۆرسىتىلىپ، 1000 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ھەۋەسكارى بىلەن تاماشىبىن جەلىپ قىلىندى.
مەنبە: خەلق تورى