خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى: ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلىكترون چەكلىك شېركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى ــ «ئىرپان» 2 – ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق، لۇغەتلىك يانفون X 14 نى بازارغا سېلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 13–يانۋار ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ «ئىرپان» شېركىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ ئاممىغا سۇنغان ئەڭ يېڭى سوۋغىسى بولۇپ، X 14 يانفون بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە قاتارلىق كۆپ تىللىق ئېلىكترونلۇق لۇغەت ئىكەن. ئىگىلىشىمچە بۇ يىل 10–يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭخۇا ئېلىكترون كارخانىلىرىنىڭ 8 – قېتىملىق ماركا قىممىتىنى باھالاش يىغىنى» دا «ئىرپان» ماركىسىنىڭ قىممىتى 818 مىليون يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن.
سۈرەتتە: شېركەت باش دېرىكتورى ئابدۇللا ئۆمەر ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى ش 14 يانفونىنى تونۇشتۇرماقتا.
مەنبە: خەلق تورى