باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2013-يىللىق ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ئېكسپورت ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

2014.01.13 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىللىق ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ئېكسپورت ئەھۋالى 10-يانۋار ئېلان قىلىندى. 2013-يىللىق ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى تۆت تىرىليون 160مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %7.6ئاشتى.

  بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا كۆلىمىنىڭ تۇنجى قېتىم تۆت تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى، بۇ تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە يۈكسەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودا شېرىكلىرى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىشىش، رايون ئەندىزىسى تېخىمۇ ماسلىشىش، ئاساسى قۇرۇلما تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇش قاتارلىق يېڭى ئالاھىدىلىكلەرمۇ ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا تەرەققىيات سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈردى. كەسپىي ئەربابلار مۇنۇلارنى مۆلچەرلىدى: 2014-يىلى تاشقى سودا ھەرىكىتىنىڭ پايدىلىق ۋە چەكلەش ئامىلى گىرەلىشىپ، ئومۇمىي مۇھىت ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا بىر قەدەر ياخشىراق بولىدۇ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسى مۇقىم ئېشىش مەزگىلىگە كېرىدۇ.

  2013-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم تۆت تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تۆت تىرىليون 160مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشتەك يېڭى رېكورتنى ياراتتى. بۇ ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2004-يىلدىكىدىن بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېششى بولۇپ، 2007-يىلى ئىككى تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى،2011-يىلى ئۈچ تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈشى.

  يەر شارى مىقياسىدىن قارىغاندا، ئېلىمىز ئېكسپورتىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئۈلۈشى داۋاملىق ئۆرلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئېكسپورت ئىمپورت ئومۇمىي قىممىتى ئامېرىكىنىڭكىدىن 192مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئېشىپ، سودا ئېشىش سۈرئىتىمۇ ئامېرىكىنىڭكىدىن تېز بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر