باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە داۋاملىق تىركىشىۋەرسە خەلقئارا جامائەتچىلىكتىن ئايرىلىپ قالىدۇ

2014.01.13 10:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەنگلىيەدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇنىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشتەك خاتا قىلمىشىنى پاش قىلىپ، ياپونىيە مىلىتارىستلىرىنى ئەنگلىيەنىڭ «خاررېي پوتتېر» ھېكايىسىدىكى مەھەللە ئالۋاستىغا ئوخشاتتى. بۇ جانلىق ئوخشىتىش خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنىپ، ياپونىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ياپونىيە دەرھال ئۆزىنى ئاقلاپ، مەھەللە ئالۋاستىسىلىق بەلگىسىنى چۆرۈپ تاشلىماقچى بولدى.

  يېقىندا، ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى ئاڭلىتىش بۆلۈمىگە تەكلىپ قىلدى، ياپونىيەنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىشى ۋە داۋيۈ ئارىلىنى تالىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاقلىدى، لېكىن تازا يېتەرلىك چۈشەندۈرەلمىدى، گېرپىنىڭ باش ئاخىرى زىددىيەتلىك بولۇپ، قايىل قىلىش كۈچى يېتەرسىز بولدى؛ ئەكسىچە، جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تارىخىي پاكىتلارنى ئاساس قىلدى، گەرچە قىلغان گەپ-سۆزى سىلىق بولسىمۇ، لېكىن مەردانىلىكىنى نامايان قىلدى.

  بۇ خىل مۇنازىرەدە يۇقىرى تۆۋەنلىكنىڭ ئايان بولۇشى، ئىككى دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرىنىڭ سەۋىيەسىدىكى پەرقتە بولماستىن، بەلكى جۇڭگونىڭ خەلقئارا جامائەت پىكىرى ئالدىدا ھەققانىيەتنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىنى ئىگىلىگەنلىكىدە. دۇنيا فاشىزمغا قارىشى ئۇرۇشتانىڭ ھەققانىيلىقى ھەققىدە بۇرۇنلا تارىخىي يەكۈن چىقىرىلغان. ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا 1- دەرىجىلىك 14 ئۇرۇش جىنايەتچىسى ۋە مىڭدىن ئارتۇق 2-، 3-دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ ئەرۋاھ تاختىسى قويۇلغان پاكىتتىن تېنىۋالغىلى بولمايدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن شەكىللەنگەن ياپونىيەنىڭ تىنچلىق ئاساسى قانۇنى- ياپونىيە مىلىتارىستلىرىنىڭ بېشىدىكى قورقماق. بۇنى خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدۇ؛ ياپونىيە ئىگلىۋالغان دياۋيۈ ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىشى زۆرۈر، بۇ «قاھىرە خىتابنامىسى»دىن ئىبارەت خەلقئارا ھۆججەتتە ئېنىق يېزىلغان. بۇ ئاساسىي تونۇش ئىنسانلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىقنىڭ تۆۋەن چېكىنى شەكىللەندۈرگەن، ياپونىيەنىڭ بۇ چەككە خىرىس قىلىپ، ھەققانىيەتنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىنى ئىگىلىمەكچى بولۇشى ھەددىدىن ئاشقانلىق.

  ئابې شىنزۇ ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە بۇنداق دەپ قارىمايدۇ. ئابې شىنزۇ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارادا ئەيىبلەش ۋە تەنقىدكە ئۇچرىدى، ئابې شىنزۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى كۆپ قېتىم مۇنداق دېدى: «بىز بۇنى ئەدەپ بىلەن سەمىمىي چۈشەندۈرىمىز»، «ئەگەر چۈشەندۈرەلىسەك، چوقۇم چۈشىنىشى كېرەك». ياپونىيە سىرتقا زادى قانداق چۈشەندۈرمەكچى؟ «تاۋاپ قىلىش ئۇرۇشتا قازا قىلغانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش»، «قايتا ئۇرۇش قىلمايمىز دەپ قەدەم قىلدۇق»، «ياپونىيە تىنچ دۆلەت يولىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ» دېگەندەك كونا مۇقامنى تاۋلايدۇ ئەلۋەتتە. مۇشۇنداق ئاتالمىش چۈشەندۈرۈش ئۆزىنى ئاقلىغانلىق. ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاش جىنايىتىگە چوڭقۇر تۆۋە قىلمىغانلىق، مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈشنىڭ سەمىمىيىتىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟

  ئابې شىنزۇنىڭ سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىشى ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ جىسمىغا ئوڭچىللىق ئىدىيەسى سىڭىپ كەتكەن. ھەرىكەت جەھەتتە توكيو ھۆكۈمىنىڭ قانۇنلۇقلىقىدىن گۇمانلىنىش، تاجاۋۇزچىلىق توغرىسىدا يەكۈن چىقىرىلمىدى دەپ داۋراڭ سېلىش، ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىش يوللۇق نەزەرىيەسىنى تەرغىب قىلىش، تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتىگە تۆۋە قىلغان مۇرايامانىڭ سۆزىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ياپونىيە مىلىتارىستلىرىنىڭ ئەرۋاھىنى چاقىرىدۇ. ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلىشتىكى ئاخىرقى مەقسىتى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش، ياپونىيەنىڭ ئىلگىرىكى شان-شەرىپىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش.

  بۇنىڭ ئۈچۈن ئابې شىنزۇ ئاتالمىش گۇلۇبۇس دىپلوماتىيەسىنى يولغا قويۇپ، خەلقئارادا ئۆزىنىڭ سەپسەتىسىنى تەرغىب قىلدى. ئابې شىنزۇ يەنە ئالۋاستىلارنى تاۋاپ قىلىشنى خەلقئارالاشتۇردى، جۈملىدىن بېرمىغا بېرىپ ياپونىيە ئەسكەرلىرى قەبرىستانلىقىنى تاۋاپ قىلدى، يەنە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىگە بېرىپمۇ تاۋاپ قىلماقچى.

  ئابې شىنزۇ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دىپلوماتىيە ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ياپونىيەدىكى ئوڭچى سىياسىيونلارنىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشى ھەققىدە ھە دەپ گەپ سېتىپ، ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاشتۇندىكى دۆلەت قەبرىستانلىقىنى بىرگە تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئوتتۇرغا چىقىشى بىلەن دەرھال تەنقىدكە ئۇچرىدى. ئابې شىنزۇ خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۇۋاتقانلىقىغا قارىتا، جۇڭگو يېقىندا خەلقئارا جامائەت پىكىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا مەركەزلىك ھۇجۇم قىلدى، جۇڭگونىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرى كەينى-كەينىدىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردا ماقالە ئېلان قىلدى، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رۇسىيە، گېرمانىيە، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى، بارغانچە كۆپ خەلقئارا جامائەتچىلىك ئابې شىنزۇنىڭ قىلمىش، ئەتمىشلىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە ئەيىبلىدى. مۇشۇنداق خەلقئارا جامائەت پىكىرى كەيپىياتىدا، ئابې شىنزۇ خەلقئارادا ئالدامچىلىق بىلەن بازىرنى ئالالمايدۇ.

  مۇشۇنداق بىر مەيدان جامائەت پىكىرى ئۇرۇشى ئادەتتىكى ئەھمىيەتتىكى ئاغزاكى ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپىنى قوغداش، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. ئابې شىنزۇ ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، خاتالىقىنى تۈزەتسىلا، ئاندىن چىقىش يولى بولىدۇ، ياپونىيە ئۆزىنى توختىماي ئاقلاپ، خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن قارشىلاشسا، خەلقئارا جامائەتچىلىكتىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

  خەلق تورى تەھرىر ئىلاۋىسى: مەھەللە ئالۋاستى: ئەسلى ھىكايە ۋە كىنودا ئىسمى«ۋولدىمورت» (ئېنگىلىزچىسى Voldemort)، يەنە «زۇلمەت شاھى» (ئېنگىلىزچىسى Dark Lord).

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر