باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇر شىنجاڭدىكى 13 جايدا «كان بايلىقى» بايقالدى

2014.01.13 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئون مىليارد توننا كۆمۈر، يۈز مىليون توننا تۆمۈر رۇدىسى، غايەت زور ئالتۇن كان... كەڭ زېمىنى ۋە مول بايلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان شىنجاڭنىڭ 13 جايىدا بۇلتۇر يېڭىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس كانى قاتارلىق چوڭ كۆلەملىك «كان بايلىقى» بايقىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىنى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى مول بايلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  شىنجاڭ گېئولوگىيەلىك قېزىلما بايلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سېڭ شياۋگاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2013-يىلى شىنجاڭ گېئولوگىيەلىك قېزىلما بايلىق ئىدارىسى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى جىددىي ئېھتىياجلىق كان مەھسۇلاتلىرىنى كان قېزىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس-نېكىل قاتارلىق كان بايلىقلىرى، شۇنداقلا كۆمۈرلۈكلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سۇ كەمچىل رايونلاردا سۇ بايلىقىنى تەكشۈرۈش جەھەتتە غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، 13 ئورۇندا يېڭىدىن كان مەھسۇلاتلىرىنى بايقىغان، ئۇنىڭ ئىچىدە 5 ئورۇندىكى كان بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشقا بولىدىكەن. (ليۇ بىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر