باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «بېسىلىپ قالغان ئىجرا دېلولىرى يوق سوت مەھكىمىسى» بولۇپ باھالاندى

2014.01.14 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلى ئۆمەر ،گۈلنىسا غازى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، ئىجرا قىيىن بولۇش مەسلىسىنى ھەل قىلپ ، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم كېسىمىنىڭ بىر پارچە قۇرۇق قەغەز بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ،مەھكىمىدىكى كەسپكە پىششىق ،نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ، تەجربىلىك سوتچىلارنى ئىجرا ئىدارىسىگە تەڭشەپ ،شايار ناھيەسىنىڭ يىراق يېزا-قىشلاقلىرىنى ئاساس قىلپ، ھەربىر ئىجرا گۇرۇپپىسىغا دائىرە بەلگىلەپ ،ئۇلارنىڭ يىللىق نىشان ۋەزىپە كۆرسەتكۈچلىرنى ئېنىق بېكىتىپ بەردى ،شۇنداقلا يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئىجرا بولمايۋاتقان ئىجرا دېلولىرىنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر ئىجرا گۇرۇپپىسىغا مەخسۇس ماشىنا سەپلەپ، بېسىلىپ قالغان دېلولارنى ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئىجرا ھەركەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىجرا سالمىقىنى ئاشۇردى، نەتىجىدە شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇدا ئىككى يىل ئاپتونوم رايون بويىچە « بېسىلىپ قالغان ئىجرا دېلولىرى يوق سوت مەھكىمىسى» بەرپا قىلىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئىجرا خىزمىتىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇدا ئىككى يىل ئاپتونوم رايون بويىچە «بېسىلىپ قالغان ئىجرا دېلولىرى يوق سوت مەھكىمىسى» بولۇپ باھالاندى .

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر