باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان رەھبىرىي كادىرلارغا مەركەزنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى

2014.01.14 14:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تويا خەۋىرى: ئاپتونوم رايون 13 – يانۋار ئەھۋاللاندۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خەن يۇڭ دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارغا مەركەزنىڭ يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇپ، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشقا دائىر ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى.

  خەن يۇڭ مۇنداق دېدى: 2013 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، مەركەز كەينى – كەينىدىن ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇپ، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشقا دائىر بىر قاتار ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىشخانا ئۆيلىرى، ھۆكۈمەت ئىشى بويىچە كۈتۈۋېلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىق شامىلىنى مەنبەدىن قەتئىي تۈگىتىشكە كۈچىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركەزنىڭ بەلگىلىمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا ئۆگىنىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ھۆججەتنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە تونۇشىنى مەركەزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ھۆججەتلەردىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ ۋە كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇشتەك ئېسىل ئىستىلىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەركەزنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىشىنى، پارتىيە ئىستىلى، مەمۇرىي ئىستىلنى ياخشىلاشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خەن يۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تەرەققىي قىلغان، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ تۆھپىسى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتمۇ سىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىڭلار، ياردەم بېرىشىڭلاردىن ئايرىلالمايدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ دۇچ كەلگەن ئۈچ چوڭ تارىخىي پۇرسەت ئالدىدا، پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئاۋۋالقىدەكلا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىغا ئاۋۋالقىدەكلا كۆڭۈل بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەتلىرىگە ئاۋۋالقىدەكلا ياخشى تەكلىپ – پىكىر بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر