باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن ئابېنىڭ ياسوكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغانلىقىنى مىلىتارىزم يولىغا ماڭغانلىق، دەپ تەنقىدلىدى

2014.01.14 14:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پيۇڭياڭ، 13 – يانۋار تېلېگراممىسى. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې ياسوكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغاندىن بۇيان، چاۋشيەن ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۈزلۈكسىز ماقالە ئېلان قىلىپ، ئابېنىڭ ياسوكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ: ياپونىيەنىڭ مىلىتارىزم ۋە ئوڭچىللىق يولىغا مېڭىشى بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، دەپ قارىدى.

  چاۋشيەن ‹‹ئەمگەك خەۋەرلىرى›› گېزىتىدە 13 – يانۋار ئېلان قىلىنغان ماقالىدە: بۇلتۇر 26 – دېكابىر ئابې ياسوكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدى. بۇ، تاجاۋۇزچىلىق سەۋەبىدىن قەلبى چوڭقۇر ئازابلانغان دۇنيا خەلقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن يەنە بىر جىنايى قىلمىش، ئادالەت ۋە ۋىجداننى خورلىغانلىق ھەم يۈزمۇ يۈز خىرىس قىلغانلىق. بۇنىڭغا نىسبەتەن خەلقئارا جەمئىيەت ناھايىتى چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى ھەم ئۈزلۈكسىز تەنقىد قىلدى، ئەيىبلىدى، دېيىلدى.

  چاۋشيەن ‹‹ئەمگەك خەۋەرلىرى›› گېزىتىدە 12 – يانۋار ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا: ئابې يېقىندا يىللىق سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ‹‹كۈچلۈك ياپونىيە››نى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ سۆزلەر مىلىتارىستلارنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى، دېيىلدى.

  چاۋشيەن مەركەز ئاگېنتلىقى 11 – يانۋار ئېلان قىلغان ئوبزوردا: ياپونىيە كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىۋاتقان چاۋشيەننىڭ ‹‹ھۇجۇم قىلىش نەزەرىيەسى›› چەت ئەلدە تاجاۋۇز قىلىش قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر باھانىسى، ئۇنىڭ مەقسىتى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئەتراپىدا دېڭىز ۋە ھاۋانى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلىۋېلىش، دېيىلدى.

  ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيەنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى ئۇرۇشتىن ھازىرغىچە ئاز ئۇچرايدىغان ئىنتايىن ئوڭچىل ھۆكۈمەت. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، تۈرلۈك قانۇنلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس سالدى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كۈچلىرى ياسوكۇنى ئىبادەتخانىسىنى كوللېكتىپ تاۋاپ قىلىش ئارقىلىق، ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى ئوڭچىل كۈچلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ كۈچىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر