باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:

1 - تۈركۈمدىكى پائالىيەتنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، 2 - تۈركۈمدىكى پائالىيەتنىڭ تەييارلىقىنى پۇختا، ياخشى قىلىش كېرەك

2014.01.14 16:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 12 - يانۋار چۈشتىن كېيىن 3 - قېتىملىق يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن يۇڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 1 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يەكۈنلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن پۇختا ئىشلەپ، 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ياخشى باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىننىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 7 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى، 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى قاتارلىق ھۆججەتلەرگە قاراپ چىقىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پات ئارىدا ئېچىلىدىغان 1 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش ھەم 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىش.

  خەن يۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر 1 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز، تارماقلار، ئورۇنلار تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئېنىقلاپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، تۈزىتىلگەن ناچار قىلمىشلارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى؛ تۈزىتىلىۋاتقانلىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بالدۇرراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى؛ تۈزىتىلمىگەنلىرىنى تېزدىن باشلاپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  خەن يۇڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پىلانلاش، يولغا قويۇش لايىھەلىرىنى بېكىتىش، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك. ھازىرقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 2 - تۈركۈمدىكى پائالىيەتنى يۇقىرى پەللىدىن باشلاپ، سۈپەتلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما رازى بولغۇدەك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، بەي جىجيې، لى شۆجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر