باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۇيغۇر «داۋاز»چىلىقىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد ۋارىسى ئادىل ھۇشۇر ياراتقان جىننېس دۇنيا رېكورتلىرى(2)

2013.07.26 11:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2. 2001 -يىلى 26-ئاپرېل، ئادىل ھوشۇر خۇنەن ئۆلكىسدىكى خېڭشەن تېغىدا ئۇزۇنلۇقى 260 مېتىر، ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىك گرادۇسى 80 مېتىر بولغان يانتۇلۇققا تارتىلغان ئارقاندىن 5 مىنۇت 36 سېكونتتا ئۆتۈپ، يانتۇلۇقى ئەڭ چوڭ بولغان پولات ئارقاندىن ئۆتۈش رېكورتى ياراتقان.

  3. 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇزۇنلۇقى 8 مېتىر، ئېغىرلىقى 12 كىلوگرام كېلىدىغان تەڭشەكنى كۆتۈرگەن ئادىل ھوشۇر خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭشەن تېغىدىكى جۇرۇڭ چوققىسى بىلەن فۇرۇڭ چوققىسىغا تارتىلغان ئۇزۇنلۇقى 1399.6 مېتىر، ئېگىزلىكى 436 مېتىرلىق پولات سىمدىن 52 مىنۇت 10 سېكونتتا مېڭىپ، يەنە بىر قېتىم جىننېس دۇنيا رېكورتى ياراتقان. بۇ ئۇنىڭ جىننېس دۇنيا رېكورتى تارىخىدىكى ئەڭ تەستە قولغا كەلگەن بىر قېتىملىق رېكورتى. 2000-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇ تەڭشەكنى قۇلىغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، يامغۇر يىغىپ، ئەتراپنى تۇمان قاپلاپ، سىم ھەم تىيىلغاق، ھەم كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان. گەرچە ئۈچ ئايروپىلان تۇماننى تارقاقلاشتۇرغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان، زەمبىرەك ئىتىپ تۇماننى تارقاقلاشتۇرۇشنىڭمۇ ئۈنۈمى بولماي، 5 مىنۇتقا قالمايلا ئەتراپنى يەنە تۇمان قاپلاپ كەتكەنلىكتىن بۇ مۇسابىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولغاندا، ئۇ «مېنىڭ ئۆزۈمگە ئىشەنچىم بار، مەن چوقۇم غەلىبە قىلىمەن» دېگەن. ئالدىنقى قېتىم بىلەن ئوخشىمايدىغىنى بۇ مۇسابىقىدە تارتىلغان ئارقاننىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى يۇقىرى، سىم ھۆل ھەم تېيىلغاق بولۇپ، ئەگەر تاسادىپىي تېيىلىپ كەتسە، ھاۋا تۇمان بولغانلىقتىن ئارقاننى كۆرەلمەي ئۇنى تۇتۇۋېلىش ئىمكانىيىتى بولماي قالىدۇ، شۇنداقلا تۇمان ئىچىدە ئۇنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ھېچكىممۇ كۆرەلمەيدۇ ۋە قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارالمايدۇ. بۇنىڭدىن بىلىۋالالايمىزكى، بۇ قېتىمقى غەلىبە ئۇنىڭ ھاياتىدىكى غايەت زور تەۋەككۇلچىلىك بەدىلىگە ھەقىقەتەنمۇ تەستە قولغا كەلگەن نەتىجە.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر