باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ھەمكارلىق تۈرى بولغان ئاختاۋ ئاسفالت زاۋۇتى پۈتۈپ رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2013.12.23 10:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-دېكابىر قازاقىستاننىڭ غەربىدىكى ئاختاۋ شەھىرىدە جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھازىرغىچە بولغان مەبلەغ ساھەسى ئەڭ چوڭ بولغان ھەمكارلىق تۈرى ئاختاۋ ئاسفالت زاۋۇتى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ ئاسفالت زاۋۇتى قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قۇرۇلغان تۇنجى زامانىۋىلاشقان نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بىر يىل ئىچىدە قازاقىستان مەملىكەت ئىچىنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

  جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لې يۈچىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ئاختاۋ ئاسفالت زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى- جۇڭگو بىلەن قازاقىستان مۇناسىۋىتىدىكى بىر چوڭ ئىش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا يېڭى ھۆسن قوشىدۇ.

  شۇ يەر ۋاقتى 20-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايىف ۋىدېيو ئارقىلىق، ئاسفالت زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاختاۋ ئاسفالت زاۋۇتى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاسان ئەمەس، جۇڭشىن گۇرۇھىنىڭ مېنىڭ بۇ ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇمغا ياردەم بەرگەنلىكىگە ناھايىتى مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. قازاقىستاندا مول خام ماتېرىيال بار، ئەمما ئۆزىنىڭ ئاسفالتى يوق. ھازىر بىز ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپ دۆلەتنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولدۇق، بۇ بىر ياخشى ئىش.

  ئاختاۋ ئاسفالت زاۋۇتىنى جۇڭگو جۇڭشىن گۇرۇھى بىلەن قازاقىستان دۆلەتلىك نېفىت تەبىئىي گاز شىركىتى بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان، ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، بۇنى قۇرۇشقا ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتتى. تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاسفالت زاۋۇتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بىر يىل ئىچىدە 500مىڭ توننىغا يېقىن ئاسفالت ئىشلەپچىقىرىپ، قازاقىستاننىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئۈمىد باركەن.

  ئۇزۇندىن بۇيان، قازاقىستان ئاسفالتتا ئۆز ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيتتى، بۇ شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قازاقىستان سانائەتلەشتۈرۈش دۆلەت ئىستراتېگىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلەتتى، ھازىرقى تاشيول رېمونت قىلىش ۋە يېڭى تاشيول ياساشتا ئاسفالتقا بولغان ئېھتىياج زورايدى. جۇڭشىن گۇرۇھى قازاقىستان چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سۈن ياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر قازاقىستان تەۋەسىدە نەچچە يىل رېمونت قىلىنمىغان كىچىك ئايرىش زاۋۇتى بار، يىلدا نەچچە ئون مىڭ توننا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، %90كە يېقىن ئاسفالتنى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىدۇ.

  قازاقىستاننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قىش بىلەن يازنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى 80 سېلىتسىيە گرادۇس كېلىدۇ، بۇنىڭ دۆلەتنىڭ تاشيول ئاسفالت سۈپىتىگە بولغان تەلىپى بەك يۇقىرى. ئاسفالت زاۋۇتىنىڭ تېخنىكىغا مەسئۇل دىرېكتورى جۇسۇپبىكوۋ مۇنداق دېدى: ئاختاۋ ئاسفالت زاۋۇتىنىڭ جۇڭگودىن يۈرۈشلەشكەن ھۈنەر سەنئەت ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈشى ھەمدە قازاقىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئۆلچەملىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىلغان ئاسفالت ئالى دەرىجىلىك تاشيول قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىنى پۈتۈنلەي قاندۇرالايدۇ. بولۇپمۇ جۇڭگودىن كىرگۈزۈلگەن ئاسفالت ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى قازاقىستاننىڭ ئاسفالت ئىشلەپچىقىرىشدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى قازاقىستاننىڭ تاشيول سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

  قازاقىستان ماڭغىستاۋ ئوبلاستىنىڭ باشلىقى ھەيدەربايىف مۇنداق دېدى: ماڭغىستاۋ ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادى ئاساسلىقى نېفىت تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىشقا تايىنىدۇ، ئاختاۋ ئاسفالت زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بۇ ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، شۇ يەرگە زور مىقداردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ، ماڭىستاۋ ئوبلاستى ۋە قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، ئۈچ يىل ئىچىدە ئاسفالت زاۋۇتى تۈرى 300مىڭ نوپۇسى بار ماڭغىستاۋ ئوبلاستىغا 2مىڭدىن كۆپرەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يەنە 500دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدىكەن.

  ئاسفالت زاۋۇتىنىڭ ۋاقتىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دۆلەت خادىملىرى ئۈچ يىل جاپالىق كۈرەش قىلىپ، تومۇز ئىسسىق، قەھرىتان سوغۇق قاتارلىق ناچار تەبىئىي شارائىت، ئىككى دۆلەتنىڭ لايىھە تېخنىكا ئۆلچىمى ئوخشاش بولماسلىقتەك قىيىن مەسىلىلەرنى يەڭدى. قازاقىستان نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئېرغالېيف مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولدى، ئەمما جۇڭگولۇق خىزمەتداشلار بىلەن ھەمكارلىشىش كۈنسېرى قويۇقلاشقاندىن كېيىن، بىز ئورتاق تىلغا، ئۆز-ئارا چۈشىنىشكە ئىگە بولۇپ، بارلىق مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلدۇق، شۇنداقلا ياخشى دوستلۇق ئورناتتۇق. ئاسفالت زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى ئىستېپاننوۋا مۇنداق دېدى: مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ مەيلى رەھبەرلىرى ياكى ئادەتتىكى خىزمەتچىلىرى بولسۇن، ناھايىتى ياخشى چىقىشىپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر