باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئەر-خوتۇننىڭ بىرى يالغۇز پەرزەنت بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ

2013.12.24 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-سانلىق يىغىنىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى گوۋۇيۈەن قاراپ چىقىشقا سۇنغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىزاھات بەرگەن دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جايلار ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى بېكىتىشى، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ماقۇللىشى بىلەن نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ياكى ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق،ئەر-خوتۇننىڭ بىرى يالغۇز پەرزەنت بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

  لى بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەر-خوتۇننىڭ بىرى يالغۇز پەرزەنت بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغارۇخسەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، مائارىپ، سەھىيە، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىگە قارىتا چوڭ بېسىم پەيدا قىلالمايدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر