باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئالدامچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ

2013.12.24 09:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى: ‹‹كارخانىلاردىن سانلىق مەلۇماتلارنى يالغان مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان›› دېگەن خەۋەرلەرنى تەكشۈرۈشكە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىمىز

  گوۋۇيۈەن 3 – قېتىملىق ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۇ يىفەننى زىيارەت

  يېقىندا بەزى تاراتقۇلار مەملىكەتلىك 3 – قېتىملىق ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە بەزى تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلاشمىغانلىقىنى، بەزى كارخانىلاردىن سانلىق مەلۇماتلارنى يالغان مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغانلىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى 24 – نويابىر بۇ ئىش توغرىسىدا گوۋۇيۈەن 3 – قېتىملىق ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۇ يىفەننى زىيارەت قىلدى.

  يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشىگە بولمايدۇ

  سوئال: يېقىندا بەزى تاراتقۇلار بەزى جايلاردا مەركەز كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇم كارخانىلارنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلاشماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، يەنە بەزى خەۋەرلەردە ماسلاشماسلىقتىكى سەۋەب ‹‹ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان›› سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشنى خالىمىغانلىق، دېيىلدى. سىز بۇ خەۋەرلەرگە قانداق قارايسىز؟

  جاۋاب: گوۋۇيۈەن 3 – قېتىملىق ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۇ خەۋەرلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھازىر ئالاقىدار رايونلارنىڭ تەكشۈرۈپ باھالاش ئەھۋالىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئىككى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتتۇق. ئەگەر خەۋەر راست بولسا، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماي، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايمىز ھەم جەمئىيەتكە ئاشكارىلايمىز.

  گوۋۇيۈەن 3 – قېتىملىق ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئىقتىسادنى تەكشۈرۈشتىكى ھەرقانداق ساختىلىق قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئىستاتىستىكا قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن: ‹‹يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ھەم ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ئىستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئىستاتىستىكا خادىملىرى قانۇن بويىچە توپلىغان، رەتلىگەن ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتسە بولمايدۇ، ئىستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى، ئىستاتىستىكا خادىملىرى ھەم باشقا ئاپپاراتلار، خادىملاردىن ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى يالغاندىن ياساش، ئۆزگەرتىپ بېرىشنى ھەرقانداق شەكىلدە تەلەپ قىلسا بولمايدۇ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغان ياكى ئىستاتىستىكا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى رەت قىلغان، قارشى تۇرغان ئىستاتىستىكا خادىملىرىغا زەربە بېرىشكە، ئۆچ ئېلىشقا بولمايدۇ››، ‹‹ئىستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى، ئىستاتىستىكا خادىملىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، ئىستاتىستىكا مەلۇماتلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن توپلىشى، يوللىشى، ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا ساختىلىق ئىشلەتمەسلىكى، ئۆزگەرتمەسلىكى، ھەرقانداق شەكىل بىلەن ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخستىن راست بولمىغان ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك››.

  بۇ قانۇن – بەلگىلىمىلەر ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە بارلىق ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى، ئىستاتىستىكا تەكشۈرۈش خادىملىرى جەزمەن رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پولاتتەك ئىنتىزام، ھەرقانداق ئاپپارات، ھەرقانداق شەخسنىڭ كارخانىلارنىڭ تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىغا تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆز ئالدىغا راست يوللىشىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. ئەگەر مەمۇرىي جەھەتتىن ئارىلاشقانلىقى راست بولسا، كارخانىلار قانۇن بويىچە قارشى تۇرسا بولىدۇ سوئال: ئىقتىسادنى تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈلىدىغان كارخانىلار مەلۇم مۇددىئادىكى ئارىلىشىش بارلىقىنى بىلسە، تەكشۈرۈشكە ماسلاشمىسىمۇ بولامدۇ؟ جاۋاب: دۆلەت تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى دوكلات تەكشۈرۈش ئورنىغا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى راست ۋە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش تەكشۈرۈلىدىغان بارلىق ئوبيېكتلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى.

  شۇڭا، تەكشۈرۈلىدىغان ھەرقانداق ئوبيېكت مەيلى دۆلەت كارخانىسى، خۇسۇسىي كارخانا ياكى شەخسىي سودا – سانائەتچىلەر بولسۇن ھەممىسى 3 – قېتىملىق ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى دوكلات تەكشۈرۈش ئورنىغا كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى راست، ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. ھەرقانداق باھانە – سەۋەب بىلەن كېچىكتۈرۈشكە ۋە مەلۇم قىلىشنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ.

  ئالاقىدار تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان مەمۇرىي ئارىلىشىش راست بولسا، تەكشۈرۈلىدىغان كارخانا توغرا، قانۇنلۇق ئۇسۇل بىلەن تەكشۈرۈشكە ماسلاشماسلىق، قوبۇل قىلماسلىق شەكلى بىلەن ئەمەس، بەلكى مەمۇرىي ئارىلىشىشقا قانۇن بويىچە قارشى تۇرۇشى، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ دوكلات تەكشۈرۈش ئورنىغا كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز ئالدىغا راست، ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ھەم گوۋۇيۈەن 3 – قېتىملىق ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىغا كارخانا دۇچ كەلگەن قانۇنسىز ئارىلىشىش قىلمىشىنى ئىنكاس قىلسا، پاش قىلسا بولىدۇ.

  بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

  سوئال: مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك ئارىلىشىش ئالدىدا، ئىقتىسادنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ سۈپىتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؟

  جاۋاب: بۇ قېتىمقى ئىقتىسادنى تەكشۈرۈش تېخى رەسمىي باشلانمىغان بولسىمۇ(تەكشۈرۈش ۋاقتى 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى سەھەر سائەت 0)، لېكىن بىز ئىقتىسادنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى سۈپىتىنىڭ تەكشۈرۈشنىڭ جېنى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز. گوۋۇيۈەن 3 – قېتىملىق ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ۋە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئىقتىسادنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى تۈزۈپ قويدى.

  بىرىنچى، تەكشۈرۈش ئىنتىزامى چىڭىتىلىدۇ. ئىستاتىستىكا قانۇن – بەلگىلىمىلىرى ۋە تەكشۈرۈش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئەھۋالىنى يېنىكىدىن ئېغىرىغا قاراپ، قانۇن بويىچە سۆھبەتلىشىشكە چاقىرىلىدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ، ئاشكارىلىنىدۇ ھەم جازا بېرىلىدۇ. ئىقتىسادنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى مەلۇم قىلىشنى رەت قىلغان، ساختا مەلۇم قىلغان، ئەھۋالنى يوشۇرغان ۋە كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، تەشكىلاتلار ۋە خۇسۇسىي تىجارەتچىلەرگە قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ ۋە جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئەھۋالى ئېغىرراق بولسا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، سۈپەتنى كۈچەيتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى تىزگىنلىنىدۇ ۋە باشقۇرۇلىدۇ. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ سۈپىتىنى تىزگىنلەش ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىلىپ ۋە يولغا قويۇلۇپ، تەكشۈرۈش قىلىنىۋاتقان مەزگىلدىكى ھەر بىر ھالقا سۈپەت جەھەتتىن تىزگىنلىنىدۇ، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى ئىقتىسادنى تەكشۈرۈشتە قولدا ئېلىپ يۈرىدىغان ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە ئارقىلىق تەكشۈرۈلىدىغان كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئورنى ‹‹بوشلۇقتا›› بەلگىلىنىدۇ ۋە سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىغا، باج ئورۇنلىرىغا تىزىملاتقان كىنىشكىلىرى سۈرەتكە تارتىلىدۇ. تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى ئاساسىي ئۇچۇرلارنى جەملىگەندىن كېيىن، راست – يالغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يەنە باج ئىشلىرى، سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقىدۇ.

  ئۈچىنچى، خالىغان ۋاقىتتا مەلۇم بىر ئورۇن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ. ئىقتىسادنى تەكشۈرۈشنى تىزىملاش باسقۇچى(كېلەر يىلى يانۋاردىن مارتنىڭ ئاخىرىغىچە) ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن 3 – قېتىملىق ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ۋە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىرقانچە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئىقتىسادنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ سۈپىتىنى باھالاش ئۈچۈن، خالىغان ۋاقىتتا مەلۇم تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ۋە رايون ئاتلاپ تەكشۈرىدۇ.

  تەكشۈرۈلىدىغان ئوبيېكتلارغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار قاتتىق قوغدىلىدۇ

  سوئال: ئىگىلىشىمىزچە، تەكشۈرۈلىدىغان بەزى ئوبيېكتلار ئۆز ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟

  جاۋاب: تەكشۈرۈلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قاتتىق قوغداشتا، ئىستاتىستىكا قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نىزامىدا ئېنىق بەلگىلىمە بار. ئالايلۇق، ئىستاتىستىكا قانۇنىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ‹‹ئىستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئىستاتىستىكا خادىملىرى ئىستاتىستىكا خىزمىتى جەريانىدا ئىگىلىگەن دۆلەت مەخپىيەتلىكى، سودا مەخپىيەتلىكى ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلىشى كېرەك››، ‹‹ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش جەريانىدا ئايرىم ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ھۆكۈم قىلىشتا ئېرىشكەن ماتېرىياللارنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سىرتقا بېرىشىگە، ئاشكارىلىشىغا بولمايدۇ، ئىستاتىستىكا قىلىشتىن باشقا مەقسەتتە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ››.

  بۇ قېتىمقى ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر مۇنداق بىرقانچە كونكرېت تەلەپ بار: بىرىنچى، ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەن ئورۇن ۋە شەخسكە ئالاقىدار ماتېرىياللار مەملىكەت ۋە قىسمەن رايونلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن بىرگە جەملىنىش قاتتىق چەكلىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە ئىستاتىستىكا قىلىشتىن باشقا مەقسەتتە ئىشلىتىشكە، ھەرقانداق ئورۇنغا بېرىلىشى مۇمكىن بولغان جازانىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئىككىنچى، ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەن تەكشۈرۈلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئەسلىدىكى بارلىق ئۇچۇرلىرى مەيلى ھەرقانداق كارخانا ياكى يەككە تىجارەتچىنىڭ بولسۇن سىرتقا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ، ھەر دەرىجىلىك تەكشۈرۈش، ئىستاتىستىكا ئاپپاراتى ۋە خىزمەتچى خادىملار مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ۋە قوغداشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، خىلاپلىق قىلغۇچىلار مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ‹‹خەلق گېزىتى›› دىن

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر