باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ سىياسىي سىستېمىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان باي خودوركوۋىسكى كەچۈرۈم قىلىندى

2013.12.25 17:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قويۇپ بېرىلگەن رۇسىيەدىكى سابىق تۇنجى باي خودوركوۋىسكى 22-دېكابىر بېرلىندا «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مەن پوتىنغا ناھايىتى رەھمەت ئېيتىمەن، دېدى.

  ئۇ 20-دېكابىر ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى، بېرلىن ۋاقتى 20-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00تە ئۇ گېرمانىيەلىك كارخانىچى بېتماننىڭ شەخسىي ئايروپىلانىغا بىلەن بېرلىنغا يېتىپ باردى، ئايرودرومدا گېرمانىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى گېنش ئۇنى كۈتۈۋالدى، گېنىش خودوركوۋىسكىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىككى يېرىم يىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى.

  خودوركوۋىسكى يازما باياناتىدا گېنىشقا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلغاندا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى: بۇ گېرمانىيەنىڭ مەخپىي دىپلوماتىيەسىنىڭ غەلىبىسى دەپ قاراشتى.

  «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خودوركوۋىسكى ئانىسىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىنلا ئاندىن كەچۈرۈم ئىلتىماسى سۇنۇشنى قارار قىلغان. ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئالدىراپ يولغا چىققان ھەمدە ئانىسىنىڭ بېرلىندىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقمىغان، ئانىسى مالىنا ئوغلىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن يولدىشى بورىس بىلەن بىرگە موسكۋادىن بېرلىنغا بارغان. خودوركوۋىسكى مېھمانخانىدا ئانىسى بىلەن دادىسىنى كۈتۈۋالغان ھەمدە ئامېرىكىدىكى چوڭ ئوغلى پاۋىلنىمۇ چاقىرىپ كېلىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولغان. خودوركوۋىسكى يەنە ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان قىز نەۋرىسى بىلەن كۆرۈشكەن. پوۋىل دادام بىر ئازمۇ ئۆزگەرمەپتۇ، ھەممە ئىشلار ناھايىتى ياخشى، بىز ئىنتايىن خوش بولدۇق، دېدى.

  21-دېكابىر خودوركوۋىسكى ئائىلىسىدىكىلەر بېرلىندىكى داڭلىق سودا سارىيىغا كېلىپ، نەرسە-كېرەك سېتىۋالدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزلىرى چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ رېستورانىدا ۋودكا ئىچىشىپ، نازۇ-نېمەتلەرنى يېيىشىپ، بىر كېچىنى خۇشال -خۇرام ئۆتكۈزدى. 22-دېكابىر خودوركېفۇسكى بېرلىندا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، مۇخبىرلار يىغىنىدىن بۇرۇن، ئۇ مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ سودا ۋە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى ، لېكىن رۇسىيەدىن سىياسىي مەھپۇزلارنى قويۇپ بېرىشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ سۇچى قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەۋەبلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى، لېكىن ئۇ قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چەكلەنمەسلىكى كېرەك، دېدى. مۇخبىرلار يىغىنىدا ئۇ پوتىن قانۇن بويىچە ئىش قىلدى، مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرگە قىيىنچىلىق سالمىدى، شۇڭا مېنىڭدە پوتىن بىلەن بەك قارشىلىشىش كەيپىياتى يوق، ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەتمۇ يوق، دېدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ۋاقتىنچە رۇسىيەگە قايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى قانۇن جەھەتتىن قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى تېخى بىكار قىلىنمىدى. خەۋەرگە قارىغاندا خودوركوۋىسكى كېيىن شۋېتسارىيىگە بارىدىكەن. گېرمانىيە ئۇنىڭغا بىر يىللىق ۋىزا بېرىپ، ئۇنىڭ گېرمانىيەدە ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  ھازىر 50 ياشلىق خودوركوۋىسكى بۇرۇن رۇسىيەنىڭ نېفىت بانكا كەسپىنىڭ پېشۋاسى، سابىق يوكېس نېفىت شىركىتىنىڭ لىدىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى موسكۋادىكى بىر زاۋۇتنىڭ ئىنژېنېرى ئىدى. ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىدا خودوركوۋىسكى ياخشى ئوقۇغان. موسكۋادىكى مېندېلېف خىمىيە سانائىتى ئىنستىتۇتىدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 1986-يىلى خىمىيە سانائىتى ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر قانچە شېرىكى بىلەن بىرگە بىر قەھۋەخانا ئاچقان، كېيىن يەنە ياشلار پەن تېخنىكا ئىجاد مەركىزى قۇرغان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە مۇناسىۋەت تورىنىڭ ھىمايىسىدە زاۋۇتقا يېڭى تېخنىكا سېتىپ بەرگەن، مەسلىھەت بېرىش، ئىمپورت بۇيۇملىرىنى سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە زايوم سودىسى قىلىپ بىر تالاي پۇل تاپقان. ئىككى يىلغىمۇ بارمىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ كىرىمى 80 مىليون رۇبلىغا يەتكەن. 1989-يىلى ئۇ مېناجىپ سودا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرغان. 1995-يىلى ئۇ 350 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يۇكېس نېفىت شىركىتىنىڭ %78 پېيىنى سېتىۋالغان. 1997-يىلى شىركەت موسكۋا برژىسىدا پېيىنى بازارغا سالغاندا، پاي قىممىتى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 40 نەچچە ئوقەتچىلىك شىركىتىنى كونترول قىلغان، بۇلار ئۆي مۈلۈك، پولات تۆمۈر، سۇلياۋ، توقۇمچىلىق، خىمىيە سانائىتى ۋە يېمەكلىك قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. 2003-يىلىدىن باشلاپ خودوركوۋىسكى سىياسىيغا قىزىققان، ئۆكتىچىلەرگە ياردەم بەرگەن، سىياسىي ئىشلارغا باھا بەرگەن ھەتتا رۇسىيەنىڭ سىياسىي سىستېمىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان. ئۇنىڭ سىياسىي نىيىتى ناھايىتى تېزلا پوتىن بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. 2003-يىلى ئۇ ئايرودرومدا قولغا ئېلىنغان. 2005-يىلى دۆلەت مۈلۈكىنى ئوغرىلاش، ئالدامچىلىق، سوتنىڭ ھۆكۈمىگە يامان نىيەت بىلەن خىلاپلىق قىلىش ھەمدە باجدىن قېچىش قاتارلىق 4 جىنايەت بىلەن 8 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 2010-يىلى جىنايىتى ئېغىرىلىتىلىپ، 14 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. يېرىم يىلدىن كېيىن، موسكۋا سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ جىنايىتىنى يېنىكلىتىپ 13 يىلغا چۈشۈرگەن. خودوركوۋىسكى ئىككى قېتىم توي قىلغان، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئايالى ئېلىننا مېندېلېف خىمىيە سانائەت ئىنستىتۇتىدىكى ساۋاقدىشى، ئىككىيلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئوغلى پاۋىل دادىسى بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرگەن، ھازىر نىيۇيوركتا ياشايدۇ. ھازىر دۇنيادىكى كىشىلىرى دىققەت قىلىۋاتقان دادىسىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغان بىر قانچە تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلماقتا. خودوركوۋىسكىنىڭ 2-ئايالى يىننا ئىلگىرى مېندېلېف خىمىيە سانائىتى ئىنستىتۇتىدا كەچ كۇرستا ئوقۇغان، ئىككىيلەن 1987-يىلى توي قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇلار توي قىلغاندىن ھازىرغىچە خودوركوۋىسكىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان بىر-دىن سوۋغىسى توي ئۈزۈكى ئىكەن. ئىككىيلەننىڭ بىر قىزى ۋە قوشماق ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. توي قىلغاندىن كېيىن يىننا ئائىلە ئايالى بولغان، ھازىر شۋېتسارىيىدە ياشايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر